باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھەج پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى:  بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇلازىمىتىنى ياخشى ئورۇنلاش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ۋەزىپىنى ئېنىق قىلىش، ئەڭ ياخشى ھالەتتە ھەجنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى گەنسۇ ھەج ئۆمىكى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ھەج خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى.

شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن، خېنەن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ۋە بىرلەشمە ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپتىن يۇقىرى مەسئۇللىرى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بارلىق خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلوڭنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ھەج خىزمىتىدىن بەرگەن خۇلاسە دوكلاتىنى ھەمدە نۆۋەتتىكى ھەج پائالىيىتى خىزمىتى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يەنە شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن، خېنەن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرى ۋە بىرلەشمە ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باشلىقى لى گې قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ۋە بىرلەشمە ئۆمەك ھەج خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ھەج خىزمىتى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا دەم ئېلىپ دەرمان توپلاپ، ھەج پائالىيىتى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىشنى تەكىتلىدى؛ بولغۇسى ھەج پائالىيىتىدە ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش“ خىزمەت نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ”ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ئۆز ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت سالمىقىنى ھەر قايسى ئۆمەككە چۈشۈرۈش“ خىزمەت ئۇسۇلىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى، ”مىنا ۋە ئەرافاتتىكى ھەج پائالىيىتىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇش، جىددىي ئەھۋالدىمۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش“نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

 (ئەھمەد جيادۇڭ، يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر