باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مەككە مۇكەررەمەدە ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈش مەزگىلىدە خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، 14 مىڭ 500 ھاجى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە پۈتۈنلەي كېلىپ بولدى؛ ھەج خىزمىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى— مەدىنە مۇنەۋۋەرە مەزگىلىدىكى ھەج خىزمىتى تولۇق تاماملىنىپ، ھەج پائالىيىتىگە تەييارلىنىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ھاجىلار ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈش جەريانىدا ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ۋە ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرى ئۇيۇشتۇرغان دىنىي يېتەكچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش، بىخەتەرلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ھەج ئىبادىتىگە تولۇق تەييارلىق قىلدى.

 ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دىنىي يېتەكچىلىك خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈش مەزگىلىدىكى دىنىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈش مەزگىلىدىكى دىنىي يېتەكچىلىك تەشۋىقات تېزىسىنى تۈزۈپ تارقىتىپ بەردى؛ بۇ ئارقىلىق ھاجىلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىشى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 يۈننەن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مېھمانخانا زالىدا ھەج بىلىملىرى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھاجىلارنىڭ ھەجنىڭ دىنىي ئىبادەت ھەم مەدەنىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايەن قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

 گەنسۇ ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى تۇنجى قېتىم ئايال ھاجىلار ئۈچۈن مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى، لېكسىيەگە مىڭدىن ئارتۇق ئايال قاتناشتى. ئۆلكىلىك ھەج ئۆمىكى ئىمامى ما جۇڭ ئاخۇن ھەجنىڭ ئاساسلىق تەرتىپلىرى، ئايال ھاجىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (پەرھىزلەر)، ئاياللار ئادەت كۆرگەن ئەھۋالدا ھەج ئىبادىتىنى قانداق تاماملايدىغانلىقى توغرۇلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئۆمەك دىنىي يېتەكچىلىك خىزمىتىگە مەخسۇس بەلگىلەنمىگەن ئاخۇنلارنىمۇ تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ دىنىي يېتەكچىلىك تەلىپىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مىنا ۋە ئەراڧاتتىكى ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

 ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ساقلىقنى ساقلاش يىغىنى ئېچىپ، ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈش مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش تەربىيە لايىھەسىنى چۈشەندۈردى ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. سۈرەتتە: ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ساقلىقنى ساقلاش گۇرۇپپىسى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئۇچۇرلاشماقتا.

 ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ساقلىقنى ساقلاش گۇرۇپپىسى كېسەلدىن نۇقتىلىق مۇداپئىلىنىش ۋە كېسەللەرگە دىئاگنۇز قويۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكىدىكى تېببىي خادىملارغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ شۇنداقلا ھەر قايسى ئۆلكە ھاجىلىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىلاردا ئىسسىقتىن ساقلىنىش، تېپمپراتۇرىنى چۈشۈرۈش توغرۇلۇق تەشۋىقات ۋىدىئولىرىنى قويۇپ بەردى.

 ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكىگە بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ بىخەتەرلىك تەربىيەسى ماتېرىيالى تارقىتىپ، نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ مېھمانخانا ئەتراپىدا چارلاش، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈش، مەسىلىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتتى. سۈرەتتە: چىڭخەي ھەج خىزمىتى ئۆمىكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش مەخسۇس يىغىنى ئاچماقتا.

 ھەر قايسى ئۆمەك بىخەتەرلىكنى ساقلاش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى؛ ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ”بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش“ قارىشىنى تىكلىدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى مەسئۇل خادىملار بىخەتەرلىك يىغىنى ئاچماقتا.

 سەئۇدى ئەرەبىستانى شەرقىي جەنۇبي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى دۆلىتىمىز ھاجىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلغان بەش ئىشخانىنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەر قايسى ئىشخانا بىلەن ماسلىشىپ، ھەج پائالىيىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. سۈرەتتە: ھەر قايسى گۇرۇپپا خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو ھاجىلىرىغا مەسئۇل ئىشخانا مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرماقتا.

 (ئەھمەد جيادۇڭ، يۈسۈپ جەۋۋاد مالىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر