باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى مەككە مۇكەررەمە شەھرىنىڭ باشلىقى ئۇسامە ئەلبار بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق بەش كىشى مەككە مۇكەررەمە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا بېرىپ، شەھەر باشلىقى دوكتور ئۇسامە ئەلبار بىلەن كۆرۈشتى.

 ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ئالدى بىلەن جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە دوكتور ئۇسامە ئەلبار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

 دوكتور ئۇسامە ئەلبار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ھەر ئىككى تەرەپ، يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلى ئەھدى ۋارىسى مۇھەممەد سەلماننىڭ جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

 (ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر