باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى مەككە مۇكەررەمەدە يىللىق يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو، مالايسىيا، ھىندۇنېزىيە، تايلاند، برۇناي دارۇسسالام، فىلىپپىن، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، شۇنداقلا شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 9 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى، ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ ھاجىلارغا، بولۇپمۇ جۇڭگو ھاجىلىرىغا قىلغان مۇلازىمىتى ۋە كۆرسەتكەن جاپالىرىغا رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بارلىق ھەج مۇلازىمىتى ئورگىنى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ ھاجىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ يىلقى ھەر تۈرلۈك ھەج خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنى ئۈمىد قىلدى.

 (ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر