باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مەدىنەدە ”بىخەتەرلىك بىرىنچى“ پرىنسىپى قوغدىلىپ، ھەج پائالىيىتى تىنچ ئۆتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەدىنە ھەج خىزمىتىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولدى. ”بىخەتەر ھەج قىلىش“ خىزمەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەدىنە ئامانلىق ساقلاش گۇرۇپپىسى ”بىخەتەرلىك بىرىنچى“ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش بىخەتەرلىكى نەق مەيدان تەربىيەسى ئۇسۇلىنى سىناق قىلدى؛ ھاجىلارنى ئايروپورتتا كۈتىۋېلىش، زىيارەت قىلدۇرۇش، ئۇزىتىش قاتارلىق ئىشلاردا نەق مەيدانغا بېرىپ ئامانلىقنى ساقلىدى؛ ئېزىپ قالغان ھاجىلارنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويدى؛ ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرىنىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا دوختۇرلار تېخى كېلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا ھاجىلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىغا ماسلاشتى؛ نەتىجىدە مەدىنە باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنىڭ تىنچ، ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 خىزمەتچى خادىملار ھەر قايسى ئۆلكىلىك ئۆمەك ھاجىلىرى تۇرىدىغان مېھمانخانىلارنىڭ لىفىت، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى، جىددىي خەۋەر بېرىش، كۆزىتىش ئەسۋابى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

 خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى ھاجىلار تۇرىدىغان مېھمانخانىلارغا بېرىپ چارلاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلماقتا.

 خىزمەتچى خادىملار ئۆلكىلىك ھەج ئۆمەكلىرى چۈشكەن مېھمانخانىلارنىڭ زالىدا نۆۋەتچى تۇرغۇزۇش تەكلىپى بېرىپ، مېھمانخانىغا كىرىپ-چىقىشقا ھاجىلارنىڭ ئۈچ خىل كارتىنى (ھەج كىملىكى، بىنا كارتىسى، ئالاقىلىشىش كارتىسى) ئېلىۋېلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇردى ھەمدە ھاجىلارنىڭ ئېزىپ قېلىىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كارتىلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى.

 ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى قاتناش بىخەتەرلىكى نەق مەيدان تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا ئۆرنەك ئاپتوبۇس ئىشلىتىشنى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ ھەم ئۆگىتىپ، ھەر بىر ئاپتوبۇس ئۈچۈن يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئامانلىق خادىمىنى (4 نەپەر) قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماھارەتلىرى بويىچە تەربىيەلىدى. جەمئىي 5 قارارلىق، 17 قېتىملىق سىنىپ ئېچىپ، 500 خادىم تەربىيەلەپ، ئاپتوبۇسلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە، كۈچلۈك ئىسسىقتا ھاجىلارنىڭ مەدىنەدىن مەككەگە تىنچ-ئامان بېرىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 ئامانلىق گۇرۇپپىسى خادىملىرى ھاجىلارنى ئايروپورتتا كۈتىۋېلىش، زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇزىتىش گۇرۇپپىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلاشتى. سۈرەتتە: خادىملار ھاجىلارنى مەككەگە ئۇزىتىش ئەسناسىدا ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

 ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق ئەقلى ۋە تەدبىرى بىلەن، مەدىنە ساقلىق، ئامانلىق خىزمىتى بۇ يىل ”ھەممە ھاجى تىنچ-ئامان بولۇش، داۋالانغۇچىلار سانى ئاز بولۇش، بالىنېسقا ئېلىنغانلار پەقەت ئۈچ كىشى بولۇش“ تەك كەم كۆرۈلىدىغان نەتىجە ياراتتى. ئامانلىق گۇرۇپپىسى خادىملىرى دوختۇرلار تېخى ئىش ئورنىغا كېلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج ئۆمىكىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مېھمانخانىلاردىكى داۋالىنىش نۆۋەتچىلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا يۆتكەش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

 (لى گاڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر