باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

پاسپورتلار پاسپورت باشقۇرۇشنىڭ يېڭى قائىدىسىگە ئاساسەن رەتلىنىپ، ھاجىلارنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە يۆتكىلىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مۇلازىمىتى ئورگانلىرى ”ئېلېكترونلۇق ھەج ۋىزىسى قانىلى“نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھاجىلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىدىغان ۋە ئالىدىغان ئورۇن بىلەن پاسپورتلارنى خالتىغا سېلىپ ساقلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتوبۇسقا چىقىش تەرتىپىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشنى قەتئىي چەكلىدى. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن شىنجاڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى خىزمەت لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تەشكىللەش خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان تەرەپكە تارتتى؛ قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەش، قارىماققا تەكرار، زېرىكىشلىك ئىشلارنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەش روھى بويىچە پاسپورتلارنى يىغىپ ساقلاش، ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان ھاجىلارنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئورۇنلاپ، ھاجىلىرىمىزنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە يۆتكىلىشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 مەسئۇل خادىملاردىن سەيپىدىن بەي ليەنخې، ئىبراھىم ما شيۇباڭ قاتارلىقلار مەدىنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرىنىڭ سانىنى تەڭشەش، ئاپتوبۇس سەپلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ ھەل قىلماقتا.

 خىزمەتچى خادىملار ھەر قايسى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىققان ھاجىلارنىڭ ئەمەلىي سانىغا ئاساسەن پاسپورتلارنى ئېنىقلاپ، مەسىلە بايقالغان ھامان بىر تەرەپ قىلدى؛ پاسپورتىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلار، يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلار ياكى پاسپورتىنى تاپشۇرمىغانلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى دەرھال بېجىرىپ، ھاجىلارنىڭ مەدىنەدىن مەككەگە ئوڭۇشلۇق يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار پاسپورت بىلەن پاسپورتقا چاپلانغان بەلگىلەرنى سېلىشتۇرماقتا.

 خىزمەتچى خادىملار ھەر قايسى ئۆلكىلىك ئۆمەك ھاجىلىرى ئولتۇرىدىغان ئاپتوبۇسلارنى تەڭشەپ، ئۇلارغا رەت نومۇرى بېكىتىپ، ھاجىلارنىڭ قايسى ئاپتوبۇستا مەدىنەدىن مەككەگە بارىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ بەرمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، 10مىڭ 746 ھاجى (شىنجاڭدىن باشقا) ئۈچۈن 246 ئاپتوبۇس سەپلىنىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەككە مۇكەررەمەگە يولغا سېلىندى. سۈرەتتە: پاسپورت رەتلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى نافىئى خەي يۇڭلوڭ ھاجىلىرىمىزنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇسنى تەڭشەش مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ئورگىنىغا ياردەملەشمەكتە. 

(نافىئى خەي يۇڭلوڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر