باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلار ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن مۇلازىمىتىمىزدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-30   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارالىق ئايروپورتى ھاجىلىرىمىز سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەج مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تۇنجى بېكەتتۇر. ئايروپورتتا ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان مۇلازىمەتتۇر. ئايروپورتتا ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى، ئايروپورتتا ئادەم زىچ بولۇش، ئايروپىلان قېتىم سانى ئارىلىقىدىكى ۋاقىت قىسقا بولۇش، چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتى ۋە ھاجىلارنى ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە، مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى مەدىنە شۆبىسىنىڭ ئايروپورتتا تۇرۇشلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خادىملارنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھاجىلارغا سەمىمىي ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدى.

ئايروپورتتا ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئىككى تۈركۈمگە بۆلىنىپ، نۆۋەت بىلەن ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى؛ خىزمەتلەرنى كۈتۈۋېلىش، ماسلاشتۇرۇش، چۈشەنچە بېرىش، چارلاش قاتارلىق نۇقتىلارغا بۆلۈپ ئېلىپ باردى. سۈرەتتە: گۇرۇپپا ئەزالىرى ھاجىلار ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن كىرىدىغان زالىنىڭ كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىدا مۇلازىمەت قىلماقتا.

گۇرۇپپا ئەزالىرى ھاجىلار چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىدىغان ”ماسلاشتۇرۇش ئورنى“ ۋە يۈك-تاقلار بىخەتەرلىكتىن ئۆتىدىغان ”چۈشەنچە بېرىش“ يېرىدە مۇلازىمەت قىلماقتا.

 

گۇرۇپپا ئەزالىرى ھاجىلارنى ماشىنا كۈتۈش زالىغا ۋە يۈك-تاق چىقىدىغان ئورۇنغا باشلاپ كىرىپ، مەدىنە شەھرىدىكى مېھمانخانىغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىشقا تەييارلىنىپ تۇرماقتا.

 

گۇرۇپپا ئەزالىرى ھاجىلارنى ئايروپورتتىن مېھمانخانىغا توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرماقتا.

ئىخلاس ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن قىلىنغان مۇلازىمەت ئايروپىلاندىن ئەمدىلا چۈشكەن ھاجىلارغا ئۆز ئۆيىگە قايتقاندەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. سۈرەتتە: گۇرۇپپا ئەزاسى ما يۇڭ ئۆزى چەبدەس ماڭالمايدىغان بىر ھاجىغا ياردەم بەرمەكتە.

گۇرۇپپا ئەزالىرى ھاجىلارغا ئايروپورتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇقتۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى ۋە ئايروپورت تەرەپنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، گۇرۇپپا مەسئۇلى نۇرىدىن ياڭ خۇييىڭ خىزمەت لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى بىلەن ئاكتىپ پىكىرلەشمەكتە.

 

 

گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى ماسلىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئورگانلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ھاجىلىرىمىزنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ چېگرىدىن ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە كاپەتلىك قىلدى.

بىر كۈن چېپىپ يۈرۈپ ھاجىلارنىڭ چېگرىدىن ئوڭۇشلۇق كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان گۇرۇپپا ئەزالىرى پەخىرلەنگەن ھالدا: ”ھاجىلىرىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە شان-شەرىپىمىز. ھارغىنلىق ئىچىدىن خۇشاللىق تاپالايمىز“ دېيىشتى.

(نۇرىدىن ياڭ خۇييىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر