باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆمرە ھەج پائالىيىتى تۇنجى قېتىم ئوپچە تاماملاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-30   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: ھاجىلىرىمىز مەككە مۇكەررەمەگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىبادىتى ئۆمرە ھەجدۇر. بىخەتەر ھەج قىلىش رۇھىغا ئاساسەن، ئىلگىرى بەزى ئۆمەكلەرنىڭ ئوپچە ئۆمرە ھەج قىلىش تەجرىبىسى ئاساسىدا بۇ يىل شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھەج ئۆمىكىدىكى ھاجىلار تۇنجى قېتىم ئوپچە ئۆمرە ھەج قىلىپ، پائالىيەتنىڭ بىخەتەر ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئوبرازىنى نامايەن قىلدى.

 

شىنجاڭ ھاجىلىرى يېتەكچى خادىم ۋە ئىماملارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن رەتلىك تىزىلىپ، ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ماڭماقتا.

شىنجاڭ ھاجىلىرى ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزىلىپ، ھەرەم مەسچىتىگە قاراپ لەببەيكە ئوقۇماقتا، بۇ ھەيۋەتلىك ئاۋاز ھەرەم مەسچىتى ئەتراپىدىكى يورۇق، گۈزەل مەنزىرە بىلەن قوشۇلۇپ، باشقىلارنىڭ زوقىنى كەلتۈردى. ”لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە...

گەنسۇ ھاجىلىرى مېھمانخانا زالىدا توپلىنىپ، ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئوپچە ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرماقتا.

گەنسۇ ھاجىلىرى ھەرەم مەسچىتىگە بارىدىغان يولدا رەتلىك ماڭماقتا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە.

نىڭشيا ھاجىلىرى ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئۆمرە ھەج قىلىش ئالدىدا، دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ئۆمرە ھەج پائالىيىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە سۆزلىگەن تەبلىغىنى ئاڭلىماقتا.

 نىڭشيا ھاجىلىرى ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئۆمرە ھەجنى تاماملاش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.

 

چىڭخەي ھاجىلىرى ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىگە توپلىشىپ ماڭماقتا.

چىڭخەي ھاجىلىرى سەفا بىلەن مەرۋە ئارىلىقىدا ماڭماقتا.

يۈننەن ھاجىلىرى ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىگە ماڭماقتا.

يۈننەن ھاجىلىرى سەفا تېغىدا بىرلىكتە دۇئا قىلماقتا.

خېنەن ھاجىلىرى ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىگە ئوپچە بېرىشقا تەييارلانماقتا.

(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر