باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

چىڭقى چۈشتىكى ئىسسىق، يېرىم كېچىدىكى ئۇيقۇسىزلىققا قارىماي، ھاجىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇزىتىش ئىشلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-30   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ھاجىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، يۈك-تاقلىرىنى مەككەگە توشۇش ۋە ئۇلارنى مەككەگە ئۇزىتىش مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسىدا كىچىك گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ خىزمەت پىلانى تۈزۈلدى، خادىملارنى ئىشقا بەلگىلەش، ۋەزىپە تەقسىملەش ۋە خىزمەت تەرتىپى ئىنچىكە پىلانلاندى ھەم ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خادىملار چىڭقى چۈشتىكى ئىسسىق ۋە يېرىم كېچىدىكى ئۇيقۇسىزلىققا قارىماي ۋەزىپىلەرنى تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.

ھاجىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇزىتىش گۇرۇپپىسى باشقا كىچىك گۇرۇپپىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ھاجىلىرىمىزنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە مەزگىلىدە زىيارەت قىلدۇرۇش، يۈك-تاقلىرىنى مەككەگە ئايرىم توشۇش ۋە مەككەگە ئۇزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈردى. سۈرەتتە: 2016-يىللىق ھەج پائالىيىتى مەدىنە مەزگىلىدىكى زىيارەت ۋە ئۇزىتىش نۇقتىلىرى جەدۋىلى.

 

گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرى ئۈندىدار توپى تەسىس قىلىپ، ئۇچۇرلارنىڭ راۋان بولۇشىنى، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ھەمدە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ۋەزىپىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرىغا بىر كۈن ئاۋۋال ۋەزىپە ئۇقتۇرۇشى قىلىندى.

گۇرۇپپا مەسئۇلى ئىسمائىل دىڭ شېڭ فۇ شىركەت تەرەپ بىلەن ماسلىشىپ، زىيارەت ئاپتوبۇسى، يۈك-تاق توشۇش ئاپتوموبىلى، مەككەگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇس مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى، شىركەتنى ھەر ۋاقىت سۈيلەپ تۇردى ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

 

ھاجىلىرىمىز مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يۈك-تاقلىرى مەككە مۇكەررەمەگە توشۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەپەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ھاجىلارمۇ سەپەرگە يەڭگىل چىقىدۇ. سۈرەتتە: ئۆمەك تەرتىپى بويىچە زالغا توپلانغان، مەككەگە توشۇلىدىغان يۈك-تاقلار.

يۈك-تاقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۈك توشۇش جەدۋىلىنى چوقۇم تولدۇرۇش كېرەك، ھەر قايسى ئۆمەك مەسئۇللىرى قول قويغاندىن كېيىن شوپۇرلار يولغا چىقىدۇ. سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىم جەدۋەل تولدۇرماقتا.

ھاجىلارنى مەككە مۇكەررەمەگە ئۇزىتىش مەدىنە مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت بولۇپ، بۇ خىزمەت كۆپ ھاللاردا يېرىم كېچىدە باشلىنىپ، بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى تاماملىنىدۇ. سۈرەتتە: ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار ئۆزلىرى باش بولۇپ نەق مەيدانغا كېلىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرماقتا.

ھاجىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇسلار كېچە سائەت 3 دە مېھمانخانا ئالدىغا كېلىپ بولىدۇ، گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى يېتەكچىلىرى بىرلىكتە ھاجىلارنى تارماق ئۆمەكلەر بويىچە ئاپتوبۇسقا چىقىرىدۇ.

گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى مەسئۇللىرىغا ياردەملىشىپ، ئاپتوبۇستىكى ئادەم سانى، ئىسمى ۋە پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ توغرىلايدۇ، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئاپتوبۇس بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. سۈرەتتە: گۇرۇپپا ئەزالىرى مەككە مۇكەررەمەگە ماڭغان ھاجىلارنى ئۇزاتماقتا.

(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد، ئىسمائىل دىڭ شېڭ فۇ خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر