جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۇاشىن، دۆلىتىمىز جىددە باش كونسولخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى چېن يۆ قاتارلىقلار مەككە مۇكەررەمە شەھرىگە كېلىپ، نىڭشيا، يۈننەن، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ ھاجىلىرى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا كېلىپ ھاجىلارنى يوقلىدى ھەمدە سەھىيە، ئوپچە غىزالىنىش، دىنىي يېتەكچىلىك، ياتاققا ئورۇنلىشىش، كۈتۈۋېلىش، نۆۋەتچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى؛ جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى، شۇنداقلا 5 ئۆلكە ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، تۇرغان پىدا، لى گې، شياۋ يۈچۈن، تيەن يۈفۇ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، مۇسا چېن يۈلوڭ، يۈسۈف دەي جۈن فىڭ، خەن رۈيخۇا، ما لىچياڭ، لى گاڭ قاتارلىقلار باش ئەلچىگە ھەمراھ بولدى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن نىڭشيا ھاجىلىرى تۇرغان مېھمانخانىدا قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايەن قىلىشىنى، ھەج ئىبادىتىنى ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىنى ئۈمىد قىلدى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن نىڭشيا ھاجىلىرىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ھاجىلارنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، ھەرەمدىكى ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن يۈننەن ھاجىلىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا كېلىپ، ئۆمەك پىدائىيلىرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئاندىن پىدائىيلارغا ئۆز قولى بىلەن ئىزنەك تاقىدى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن يۈننەن ھەج ئۆمىكى تېببىي خادىملىرىنى يوقلىدى ھەمدە داۋالىنىش، ساغلاملىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن شىنجاڭ ھاجىلىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا كېلىپ، دىنىي لېكسىيەگە قاتنىشىۋاتقان ئاقسۇلۇق ھاجىلارنى يوقلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشلىرىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن سۆزلەپ بەردى. سۈرەتتە، باش ئەلچىنىڭ سۆزىنى قىزىقىپ ئاڭلاۋاتقان بىر قىسىم ھاجىلار.
باش ئەلچى لى خۇاشىن شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ تېببىي ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
چىڭخەي ھەج ئۆمىكىدىكى ئوپچە تاماقلىنىشقا ھاجىلارنىڭ بەرگەن باھاسى يۇقىرى. تاماق بىلەن مەخسۇس تەمىنلەش شىركىتى خۇرۇچلارنى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ توشۇش ۋە ساقلاشقىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھاجىلارنى ھەر كۈنى يېڭى، ساغلام، تەملىك تاماقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئىبادەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. سۈرەتتە، باش ئەلچى لى خۇاشىن يېڭى پىشۇرۇلغان مومىلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
باش ئەلچى لى خۇاشىن چىڭخەي ھەج ئۆمىكى ئاشپەزلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە كېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا چويلىنى قولىغا ئالدى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن گەنسۇ ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرى ۋە تېببىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
باش ئەلچى لى خۇاشىن بىلەن مۇۋەققەت ۋەكىل چېن يۆ جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى تۇرۇشلۇق بىناغا كېلىپ، باش ئۆمەك ۋە نىڭشيا، يۈننەن، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىك ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. باش ئەلچى لى خۇاشىن ھەر قايسى خىزمەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىمىزدىكى ھەج پائالىيىتىگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ، بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىشىنى ئۈمىد قىلدى. باش ئەلچى ئايرىلىش ئالدىدا كۆپچىلىك بىلەن بىنا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
(يۈسۈف جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئەھمەد جيا دۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)