باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا پۈتۈنلەي كېلىپ بولدى، مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەج پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-27   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھرىدىن ھەج ئايروپىلانى بىلەن يولغا چىققان 342 نەپەر ھاجى مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارالىق ئايروپورتىغا سالامەت يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىن كېلىدىغان 14مىڭ 500 ھاجىنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ساق-سالامەت كېلىپ بولدى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ھەج خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت سىرتىغا يۆتكەلدى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە دۆلەت خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى، شەرق ئاۋىئاتسىيەسى 48 قېتىملىق ھەج ئايروپىلانى ئاجرىتىپ، كۇنمىڭ، يىنچۈەن، شىنىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن ھاجىلارنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە توشۇدى. ئىگىلىنىشىچە، ھاجىلارنىڭ يول جاپاسىنى ئازلىتىش، ئۇلارنىڭ ھەج سەپىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن چىڭخەي شىنىڭ شەھرىدە تۇنجى قېتىم ھەج ئايروپىلانى ئۇچۇش-قونۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدە ھاجىلار مىڭدىن ئاشىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەج ئايروپىلانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بىۋاسىتە ئۇچۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھرىنىڭ مەركىزىدىن 22 مېھمانخانا كىرالىغان بولۇپ، ھاجىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا، ئىبادەت قىلىشىغا ناھايىتى قولايلىق؛ ھاجىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدىغان، ھاجىلار يولدىن ئېزىپ قالىدىغان خەۋپلەرمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھرىدە ”ئۆلكە بويىچە قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولۇش“ تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلىك ئۆمەكلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھاجىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېلېكترونلۇق قانال سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىش، پاسپورت باشقۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن يېڭى قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى؛ ھاجىلارنى ئايروپورتتا كۈتىۋېلىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، تاماق بىلەن تەمىنلەش، دىنىي يېتەكچىلىك، سەھىيە ۋە كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك، زىيارەت، يۈك-تاق توشۇش، ھاجىلارنى ئۇزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، تولۇق ئورۇنلىدى.  ”ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە بىخەتەرلىكتە چىڭ تۇرۇش“ پرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ھاجىلارنى كوللېكتىپ غىزالاندۇرۇش ۋە يۈك-تاق بىلەن ئادەمنى ئايرىم توشۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى؛ قاتناش بىخەتەرلىكى نەق مەيدان تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەربىر ئاپتوبۇستا بىخەتەرلىك خادىمى بولۇش، ئەڭ يېڭى ئېسىل ئاپتوبۇسلارنى ئىشلىتىش، ھاجىلارنىڭ مەدىنەدىن يولغا چىقىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش قاتارلىق يېڭى چارىلەرنى يولغا قويۇپ، ھاجىلارنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە سالامەت يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ھاجىلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە 5 كۈن تۇرۇپ دەم ئېلىپ، ئىبادەت ۋە زىيارەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن مەككە مۇكەررەمەگە ماڭىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە دۆلىتىمىز ھاجىلىرىدىن 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق ھاجى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، مەككە مۇكەررەمەگە سالامەت يېتىپ بارغان.

(ئەھمەد جيا دۇڭ، يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ، مۇھەممەد ئەمىن مەھمۇد خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر