باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلارنىڭ ياتاققا خاتىرجەم ئورۇنلىشىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-26   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ھاجىلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەج خىزمىتىدىكى مۇھىم، شۇنداقلا قىيىن ھالقىلارنىڭ بىرى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى خادىملىرى خىزمەتچىلەر ئاز، ھاۋا ئىسسىق، ئۆمەكنىڭ مۇلازىمەت ماشىنىسى قىس، كۈتۈۋالىدىغان ھاجىلار كۆپ، شىركەت تەرەپ ئۇدۇللۇق ياتاق تەمىنلىگەن جىددىي ئەھۋالدىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە مەدىنەگە كەلگەن ھاجىلار تۇرىدىغان ياتاقلارنى تاپشۇرۇۋېلىش، ياتاق تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرى شىركەت خوجايىنى ۋە مېھمانخانا مەسئۇلى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى داۋاملىق سۈيلەپ ياتاقلارنىڭ ۋاقتىدا قولغا تېگىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئارقىلىق بۇ يىل ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىن 37 قېتىملىق ھەج ئايروپىلانى ۋە شىنجاڭدىن 11 قېتىملىق ھەج ئايروپىلانى بىلەن كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ ۋاقتىدا ياتاققا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ياتاققا ئورۇنلىشىش كېيىنگە سۈرۈلۈپ كېتدىغان مەسىلىلەر يۈز بەرمىدى. سۈرەتتە: مەدىنە ياتاق ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئىلياس ما يىخۇي قاتارلىقلار شىركەت مەسئۇلى بىلەن ياتاق ۋە كارىۋات مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.

بۇ يىل ھاجىلىرىمىز مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ پەيغەمبەر مەسچىتى ئەتراپىدىكى 22 مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئىبادەت قىلىشىغىمۇ، ئىسسىقتىن ساقلىنىشىغىمۇ قولايلىق، شۇنداقلا ئېزىپ قېلىشتىن ساقلىنالايدۇ. ھاجىلىرىمىزنىڭ مېھمانخانىغا دەل ۋاقتىدا، خاتىرجەم ئورۇنلىشىۋېلىشى ئۈچۈن ياتاق ئىشلىرى گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مېھمانخانىنىڭ ئورنى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن تونۇشماقتا.

ياتاق ئىشلىرى گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار مېھمانخانىغا ئالدىن كېلىپ، ھاجىلار ياتىدىغان كارىۋاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ياتاق ئاچقۇچى ۋە مېھمانخانا كارتىسىنىڭ تەييارلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

ياتاق ئىشلىرى گۇرۇپپىسى خادىملىرى شىركەت ئىشچىلىرىنىڭ ئايروپورتتىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى چۈشۈرۈپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھاجىلار يۈك-تاقلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىۋالىدۇ.

ياتاق ئىشلىرى خادىملىرى مېھمانخانىغا ئەمدىلا كىرگەن ھاجىلارنىڭ تەرتىپىنى ساقلاپ، لىفىتقا رەتلىك چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئۇزۇن يولدىن ھېرىپ-چارچاپ كەلگەن ھاجىلارنىڭ ھاردۇقىنى يەڭگىللىتىش، يۈك-تاقلارنى ئاسان تونۇپ ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن، ياتاق ئىشلىرى خادىملىرى ھامماللارنى ۋە مېھمانخانا خادىملىرىنى ھاجىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى رەت نومۇرى بويىچە مېھمانخانا سالونىغا تىزىپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا. ھاجىلارنىڭ ياتاققا خاتىرجەم ئورۇنلىشىۋېلىشى ئۈچۈن، ياتاق ئىشلىرى خادىملىرى يەنە ھاجىلارغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىپ يۈك-تاقلىرىنى توشۇشۇپ بەرمەكتە.

(شەمسىدىن مىن چاڭ، ئىلياس مايىخۇي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر