باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھرىگە ئۇچىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ھەج ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدىن قوزغالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، 342 نەپەر شىنجاڭلىق ھاجى ئولتۇرغانCZ2075 نۆۋەتلىك ھەج ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايروپورتىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھرىگە قاراپ ئۇچتى، بېيجىڭ ۋاقتى 25-چېسلا كېچىدە (سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاقتى 24-چېسلا كەچتە) يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن ھەج قىلىدىغانلار 14مىڭ 600 كىشى بولۇپ، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن؛ ئۇلار 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، يىنچۈەن، شىنىڭ، كۇنمىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق 6 شەھەردىن ئايرىم-ئايرىم يولغا چىقىپ، 48 قېتىملىق ھەج ئايروپىلانى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يېتىپ كەلدى. تونۇشتۇرۇلىشىچە، ھەج ئايروپىلانى توشۇغان ھاجىلار 14مىڭ 500دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ھەج خىزمىتى خادىملىرى خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چىڭخەي ئۆلكىسى دۆلىتىمىز ھاجىلىرى كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل شىنىڭدىن بىۋاسىتە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزدىكى ھاجىلار كۆپ بولغان بەش ئۆلكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ھاجىلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى تىنچ-ئامان، ئوڭۇشلۇق تاماملىشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى.

نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى 2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ھەج ۋىزىسى قويۇش، ئايروپىلان بېلىتى ئېلىش، ھاجىلارنى تەربىيەلەش، ئۇزىتىش قاتارلىق تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

(يۇنۇس گو يوڭبو خەۋىرى، تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر