باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلىرىمىزنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە دەل ۋاقتىدا ھەم ساغلام غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەر مەركىزىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدا تاماق ئېتىشكە يول قويمىغاچقا، بۇ بەلگىلىمە ھاجىلىرىمىزغا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۇغدۇردى. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىل جۇڭگو ھاجىلىرىغا بىر تۇتاش تاماق تارقىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلدى ھەمدە تاماق شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۆلكىلىك ھەج ئۆمەكلىرىدىكى ھاجىلارغا تاماق تارقىتىشقا ئىقلىم بىرلەشمە يېمەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولدى. ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىركەت بىلەن ھەر قايسى ئۆمەكنىڭ ئالاقە ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى ھەم بىخەتەر تاماقلارنى ھاجىلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزدى.

ھاجىلىرىمىز مەدىنەگە كېلىش ئالدىدا، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار ئىقلىم بىرلەشمە يېمەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تاماقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش تەلىپىنى قويدى ھەمدە مەزكۇر شىركەتنىڭ تاماق تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار چىڭخەي، گەنسۇ ھاجىلىرى تۇرۇشلۇق مېھانخانىلارغا كېلىپ، ھاجىلارنىڭ تاماققا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىدى، شۇنداقلا مېھمانخانا مەسئۇللىرى ۋە ئۆمەك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تاماق يېيىش ئورنى مەسىلىسىدە نەق مەيداندا كېڭەشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ ئىلغار بولغان ئىقلىم بىرلەشمە يېمەكلىك شىركىتىنىڭ يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈسكۈنىسى.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىقلىم شىركىتى بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ، ھاجىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئادەم سانى ۋە تاماق ۋاقتىنى شىركەتكە ھەر كۈنى ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ. سۈرەتتە: تاماق توشۇش ماشىنىسى ھاجىلار تۇرغان مېھمانخانىغا كەلگەندىن كېيىن، مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىدا تاماق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم ئىبراھىم پىڭ ئېنيى قاتارلىقلار تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرماقتا ھەمدە تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

تاماق تەمىنلەش شىركىتى تاماقنى ھەر كۈنى ھاجىلار تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرى تاماقنى ۋاقتىدا ئېلىپ، تارماق ئۆمەك خادىملىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، بۇ خادىملار تاماقنى ھەر بىر ھاجىنىڭ قولىغا ئىسسىقىدا ھەم تەمى بۇزۇلمىغان ھالەتتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

خىلمۇ خىل چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن، كۆپلىگەن ھاجىلىرىمىز باشقا دۆلەت ھاجىلىرىغا ئوخشاشلا كۈندە بىر ۋاق تاماقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، قالغىنىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ. سۈرەتتە: مەدىنەدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆز ياتىقىدا غىزالىنىۋاتقان ئايال ھاجىلار.

مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ئادەتتە ياتاق ئىچىدە تاماق يېيىشكە يول قويۇلمايدۇ. كۆپ قېتىم سۆزلىشىش ئارقىلىق، مېھمانخانىلار ھاجىلار كوللېكتىپ تاماق يەيدىغان مەخسۇس ئورۇن تەسىس قىلىپ بەردى. سۈرەتتە: تەرتىپلىك ھالدا كوللېكتىپ غىزالىنىۋاتقان چىڭخەي ھاجىلىرى.

(يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئىبراھىم پىڭ ئېنيى خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر