باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

بېيجىڭدىن يولغا چىققان ھاجىلارنى توشۇغۇچى تۇنجى ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يول ئالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-21   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورى خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىن تەشكىللەنگەن 297 نەپەر ھاجى بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يول ئالدى.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ، 3-مەھكىمىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ما جىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ئەھمەد، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتتى.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ ھاجىلارنى ئۇزاتقاندا: ”پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەج خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ ھەج خىزمىتىنى تولىمۇ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتىدۇ. بىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھەج پائالىيىتى داۋامىدىكى ساقلىقنى ساقلاش، بىخەتەرلىك، دىنىي يېتەكچىلىك، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭ بېرىپ-كېلىشى، تۇرالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك، قاتناش-ترانسىپورت قاتارلىق تەشكىلىي مۇلازىمەت خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ھاجىلارغا ھەر تۈرلۈك قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز“ دېدى. ئۇ ھاجىلارنىڭ ئىسسىقتىن ساقلىنىشىنى ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سالامەت يېتىپ بېرىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

مۇئاۋىن باش ئەلچى ئەھمەد: ”سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ھاجىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تولۇق تەييارلىنىپ بولدى، ھاجىلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ“ دېدى.

مۇئاۋىن رەئىس بەدرىدىن گو چېڭجېن ھاجىلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى، بىخەتەر ۋە مەدەنىي ھەج قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى ھەمدە دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسىنىڭ ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ھاجىلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا مۇئاۋىن رەئىس مۇستاپا ياڭ جىبو رىياسەتچىلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، خېنەن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن 1470 نەپەر ھاجى بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان 5 قېتىملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ ھەج ئىبادىتىنى قىلىدۇ.

بۇ يىل دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرىدىن جەمئىي 14مىڭ 500دىن ئارتۇق كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھرىگە كېلىپ، ھەج تاۋاپ ئىبادىتىنى ئادا قىلىدۇ. 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنى توشۇيدىغان كىرالىق ئايروپىلان 37 قېتىم قاتنىدى، 11مىڭ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ بولدى.

(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  

 

 ئۇزىتىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ ھاجىلارنى ئۇزاتماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ئەھمەد سۆز قىلماقتا.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن ھاجىلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىبادىتىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو ھاجىلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇزىتىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش

دۆلىتىمىز ھاجىلىرى مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يولغا چىقىش ئالدىدا  

 

يەنە >>سۈرەتلەر