باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

يۈك-تاقلارنىڭ ئالدىن بىخەتەر ھەم تېز توشۇلۇشى ھاجىلارنىڭ مەككەگە قاتنىشىغا قولايلىق بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-21   

جۇڭگو ھەج ئىشلىرى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق ئىسسىقتا ئۇزۇن يوللۇق سەپەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بۇ يىلمۇ ھاجىلار بىلەن يۈك-تاقنى ئايرىم توشۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ھەم مۇكەممەللەشتۈردى؛ بۇنىڭدا جۇڭگو ھاجىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈك توشۇش ماشىنىلىرى ھاجىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى مەككەگە توشۇيدۇ، ئەتىسى سەھەردە ھاجىلار كىچىك سومكىلىرىنى ئاپتوبۇسنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۆزلىرى يەڭگىل ھالدا ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۈچ يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئۇسۇل يۈك-تاقلارنى ئاپتوبۇسقا بېسىش ۋە چۈشۈرۈش داۋامىدا ھاجىلار ئۇچرايدىغان خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاجىلارغا يەڭگىل سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، ئېغىر يۈك بېسىلغان ئاپتوبۇسلارنىڭ يولدا قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش ئېھتىمالىنى تۈگەتتى.

يۈك-تاقلارنى توشۇش ۋەزىپىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى داڭلىق بىر يۈك توشۇش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ھەم بىر خىل فورما كىيگەن ئىشچىلىرى ھاجىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى بىخەتەر توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سۈرەتتە: ئىشچىلار يۈك-تاقلارنى ماشىنىغا رەتلىك بېسىپ، ھاجىلارنىڭ مەككەدىكى مېھمانخانىسىغا بىۋاسىتە توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

يۈك-تاقلار ماشىنىغا رەتلىك بېسىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يولدا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشچىلار يۈك-تاقنىڭ ئۈستىگە تور تارتىپ باغلايدۇ.

ھاجىلارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يۈك-تاقلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم يۈك-تاقلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۈك-تاقنى ماشىنىغا باسقان چاغدا ھەر قايسى ئۆمەك چامادانلارنىڭ سانىنى ئېلىشقا بىر كىشىنى مەسئۇل قىلىدۇ؛ ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھاجىلارنى ئۇزىتىش گۇرۇپپىسى ئۆزلىرى تۈزگەن «مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە يۈك توشۇش ماشىنا ئۇچۇرى جەدۋىلى»نى توشقۇزىدۇ.

يۈك-تاقلار مەككە مۇكەررەمەگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق خىزمەتچى خادىملار ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى تۈزگەن «مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە يۈك توشۇش ماشىنا ئۇچۇرى جەدۋىلى»دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يۈك-تاقلارنى تەپسىلىي ساناپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

مەككە مۇكەررەمەدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن يۈك-تاقلىرى كەلگەن ئۆلكىنىڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكىدىكى خادىملار مېھمانخانىدىكى ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن كەلگەن يۈك-تاقلارنى رەت تەرتىپى بويىچە تىزىپ قويىدۇ.

مەككە مۇكەررەمەدىكى مېھمانخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى يۈك-تاقنىڭ ئۈستىگە چاپلانغان ياتاق نومۇرىغا ئاساسەن، يۈك-تاقلارنى ھاجىلارنىڭ ياتىقىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

ھاجىلار كىچىك يۈك-تاقلىرىنى ئاپتوبۇسنىڭ ئاستىدىكى يۈك-تاق قويۇش ئورنىغا قويۇپ، ئۆزلىرى كىچىك ئاسما سومكىلىرى بىلەنلا ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ.

ھاجىلار ئازادە، سالقىن ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىشنى كۈتمەكتە.

ھاجىلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە بارىدىغان يولدىكى مەسچىتتە ئېھرام باغلاپ بولغاندىن كېيىن، لەببەيكە ئوقۇغاچ مەككە مۇكەررەمەگە قاراپ يول ئالماقتا:

لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە... 

(يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر