باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بىلەن ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەج خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-20   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17 ۋە 18-كۈنلىرى، بىرىنچى تۈركۈمدە نىڭشيا، يۈننەن ھاجىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە سالامەت كەلگەندىن كېيىن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار نىڭشيا ۋە يۈننەن ھاجىلىرى تۇرۇشلۇق بىناغا كېلىپ، ئىككى ئۆلكە ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت خۇلاسىسى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىنى ئاڭلىدى؛ ئاندىن مەككە مۇكەررەمە مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش، دىنىي يېتەكچىلىك، زىيارەت، تەشۋىقات قاتارلىق خىزمەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. ئادىل ھاجى كېرىم ئىككى ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە كېينكى قەدەمدىكى خىزمەتنىڭ سالمىقىنى مەككە مۇكەررەمەگە مەركەزلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار ئىككى ئۆلكە ھاجىلىرىنىڭ كوللېكتىپ غىزالىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

باش ئۆمەك مەسئۇللىرى نىڭشيا ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرى بىلەن مەككە مۇكەررەمە مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش، دىنىي يېتەكچىلىك، زىيارەت، تەشۋىقات قاتارلىق خىزمەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

باش ئۆمەك مەسئۇللىرى نىڭشيا ھاجىلىرىنىڭ كوللېكتىپ غىزالىنىشتا ئىشلىتىدىغان ئاپتوماتىك ئوراپ-قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە تاماق تەييارلاش ۋە تەمىنلەشتە ھاجىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، تاماقنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھاجىلارنى پاكىز، تەملىك تاماق بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلدى.

باش ئۆمەك مەسئۇللىرى يۈننەن ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ئادىل ھاجى كېرىم يۈننەندىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن ھەج خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مەزكۇر ئۆمەك خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بۇ يىلقى ھەجنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى پەللە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

باش ئۆمەك مەسئۇللىرى يەنە يۈننەن ھاجىلىرىنىڭ كوللېكتىپ غىزالىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشنى، ياشىنىپ قالغان ھاجىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىشنى، گۆشلۈك تاماق بىلەن گۆشسىز تاماقنىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ تۇرۇشنى، ھاجىلارنى پاكىز، تەملىك، ئوزۇقلۇق مىقدارى تەڭشەلگەن تائاملار بىلەن تەمىنلەشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 ( يۈسۈپ جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر