باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلارنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە يۆتكىلىش سەپىرىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتناش بىخەتەرلىكى نەق مەيدان تەربىيەلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-20   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق ئىسسىق كىلىماتى، ھاجىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۇزۇن يوللۇق سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر يېڭى ئاپتوبۇسنى باش ئۆمەك تۇرۇشلۇق بىنانىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكىدىكى 120 دىن ئارتۇق بىخەتەرلىك خادىمىنى 6 تۈركۈمگە (6 قېتىمغا) بۆلۈپ، قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ئېلىپ باردى؛ ئۆلكىلىك ھەج ئۆمەكلىرىدىكى ھاجىلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئايرىلىدىغان پەيتتە كۇرسنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتتى.

 

يېقىندىن بېرى، مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈزلۈكسىز شارائىت يارىتىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھاجىلارنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە ساق-سالامەت بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەللەھ قاتناش-ترانسىپورت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نەق مەيدان تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ئاپتوبۇس ئەكەلدۈردى؛ ھاجىلار ئولتۇرىدىغان ئاپتوبۇس بىلەن ئوخشاش تىپتىكى بۇ ئاپتوبۇس جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئېسىل ئاپتوبۇس بولۇپ، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئەتراپىغا توختىتىلدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى: ”چەت ئەلدىن كەلگەن ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ سىلەرنىڭ بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزگىنىڭلارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ھاجىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم ھەم قايىل بولدۇم“ دېدى.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھەر بىر ئاپتوبۇستا تارماق ئۆمەك باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. تەربىيەلەش تەقلىدىي ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي مەشقنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاپتوبۇستىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىلىرى بىلدۈرۈلدى، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ھەم ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتوبۇس ئىچىدە نەق مەيدان تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلماقتا.

باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې مەزكۇر ئۆمەكنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا دائىر ماتېرىياللىرى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھازىرلىغان دەرس ۋە ئەمەلىي كۆرسەتمە ئاساسىدا جانلىق، ئەمەلىي مىساللار بىلەن دەرس سۆزلەپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى، سەپەر ئۈستىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى گاڭ كەسىپىي نۇقتىدىن دەرس سۆزلەپ، ئاپتوبۇستىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ، بىخەتەرلىك بولقىسى، بىخەتەرلىك ئىشىكى، جىددىي ئەھۋالدا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ئورنى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

تەربىيەلەشكە قاتناشقان بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوتتەك ئىسسىققا قارىماي، مىسىرلىق شوپۇر بىلەن باش ئۆمەك خادىملىرى بىرلىكتە كۆرسەتكەن ئاپتوبۇستىكى يۈك قويۇش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك ئىشىكىدىن چىقىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ماھارەتلىرىنى كۆرمەكتە.

باش ئۆمەك بىخەتەرلىك خادىملىرى بىخەتەرلىك بولقىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق بىلىملەر چۈشەندۈرۈلگەن ۋىدىيونى ئۈندىدار توپىدا تارقاتتى ھەمدە ھەر كۈنى سەھەردە ھاجىلار ئولتۇرىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ باردى ۋە «ھاجىلارنىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتنىشىدىكى بىخەتەرلىك ئالاقىلىشىش كارتىسى»نى تارقاتتى.

باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلارمۇ سەھەردە ھاجىلار يولغا چىقىدىغان يەرگە كېلىپ، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

(جيا چاڭلىن؛ قۇربانجان ساۋۇر خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر