باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنجى تۈركۈم ھاجىلىرىمىز مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە سالامەت يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-19   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ھەج ئۆمىكى يۈننەن، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ھەج ئۆمىكىدىن 4 ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كەلگەن 1153 نەپەر ھاجى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىبادەت ۋە زىيارەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە 26 ئېسىل، كاتتا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، شۇ كۈنى مەككە مۇكەررەمەگە سالامەت يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە يۆتكىلىش سەپىرى باشلاندى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇۋاھاب سۇڭ ئېنلىن، مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار نەق مەيدانغا بېرىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى.

ھاجىلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار ئۆلكىلىك ھەج ئۆمىكى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ھاجىلارنى مەككە مۇكەررەمەگە ئۇزىتىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇردى.

ئۆلكىلىك ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرى ئاپتوبۇس مېڭىشتىن ئىلگىرى نەق مەيدانغا كېلىپ، ھاجىلارنى مەككە مۇكەررەمەگە ئۇزىتىشنىڭ تەرتىپلىك، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرىنىڭ تەشكىللىك باشقۇرۇشى بىلەن، ھاجىلار نۆۋەت بىلەن ئاپتوبۇسقا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

ئاپتوبۇس قوزغىلىشتىن ئاۋۋال، چىڭخەي ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ يېتەكچى خادىمى ھاجىلارغا بىخەتەرلىككە ئائىت ئىشلارنى قايتا تەكىتلىمەكتە.

ھاجىلار مەككە مۇكەررەمەدىكى مېھمانخانىغا سالامەت يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ۋە مەككە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدىكى مەسئۇل خادىملارنىڭ كۈتىۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى.

يۈننەن ھاجىلىرى مەككە مۇكەررەمەدىكى مېھمانخانىغا سالامەت يېتىپ كەلگەندە قىزغىن كۈتىۋېلىشقا ئېرىشتى.

نىڭشيا ھاجىلرى مەككە مۇكەررەمەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى بىلەن خۇشال-خۇرام ھالدا مېھمانخانىغا كىرمەكتە.

مېھمانخانا خىزمەتچىلىرى ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان يەرلىك قائىدە بويىچە، يىراقتىن كەلگەن ھاجىلىرىمىزغا سوغۇق، تاتلىق زەم زەم سۈيى ۋە كىچىك ھەدىيەلەرنى سوۋغا قىلدى.

لىفىتقا چاپلانغان ئەسكەرتىشلەر، دەسسىلىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەرىتىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرى ھاجىلارنى جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئۆمەكلىرىدىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ھاجىلار كېلىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە مەككە مۇكەررەمەگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ مېھمانخانىلارغا ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتتە: يۈننەندىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى خادىملار ئاسقان تەشۋىقات تاختىسى.

 (جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر