باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى ھاجىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىشكە باشلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-16   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ 342 كىشى ئولتۇرغان جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى  CZ2055نۆۋەتلىك ئايروپىلانى سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارا ئايروپورتىغا سالامەت كەلدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى باشلىقى تۇرغان پىدامۇ بۇ ئايروپىلان بىلەن يېتىپ كەلدى. باش ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى ئالدىن ئەۋەتكەن 9 خىزمەتچى خادىم گۇاڭجۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىپ، ھاجىلار كېلىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلىغانىدى. سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدە تۇرۇشلۇق مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا دۆلەت بايرىقى ئاسماقتا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرىدىن ئۆتۈش، تەكشۈرۈش، تاموژنا ئېغىزلىرىغا ھاجىلار ئۈچۈن مەخسۇس چىقىش ئېغىزى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئەتراپلىق، قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى. دىنىي ئىشلار ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئايروپورتتا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەتلەرنى ماسلاشتۇردى. سۈرەتتە:  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى خادىملار ھاجىلارنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئايروپىلانغا چىقىشىغا غەمخورلۇق قىلماقتا ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تېببىي مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

 

سۈرەتتە: تۇرغان پىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارا ئايروپورت زالىدا خوتەنلىك ھاجىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا. ئۇ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تەشكىللەش ۋە خىزمەت تەجربىسى مول.

بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارا ئايروپورتى يېڭى ئايروپورت بىناسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىككىنچى يىل بولۇپ، ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ئىلغار ھەم قولايلىق، شۇنداقتىمۇ ھەر قايسى خىزمەت ھالقىلىرى يەنىلا سىناق باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ، يېقىندىن بېرى چېگرىدىن كىرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشى سەل ئاستا بولۇۋاتىدۇ، بەزى دۆلەت ھاجىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشكە ساقلىغان ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتتى. سۈرەتتە: تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلاندا كەلگەن شىنجاڭ ھاجىلىرى چېگرىدىن كىرىش رەسمىيەتلەرنىڭ بېجىرىلىشى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.

سۈرەتتە: خوتەندىن كەلگەن ھاجىلار جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى بىلەن شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرىنى كۆرۈپ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى كۆرگەندەك خوش بولدى.

 

شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى يۈننەن، نىڭشيا، چىڭخەيدىن كېيىن تۆتىنچى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ھەج ئۆمىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۈرەتتە: جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارا ئايروپورتىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر