باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاپتوبۇس شىركىتى ھاجىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يوللۇق سەپىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-15   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە  مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: ھەج خىزمىتى بىخەتەرلىكنى باشتىن ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، بولۇپمۇ بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپېراتۇرلۇق ئىسسىقتا ئۇزۇن يوللۇق سەپەرلەر دۇچ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپكە ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن بەش كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەللەھ ھەج ئاپتوبۇس شىركىتى مەدىنە شۆبىسىگە بېرىپ، شىركەت دېرىكتورى ئىسام شىرىي قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مەككە مۇكەررەمەگە قاتناش يولىدىكى جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھاجىلىرىمىزنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئىسام شىرىي مەزكۇر شىركەتنىڭ شوپۇرلارنى باشقۇرۇش، ئاپتوبۇس ئىشلىتىش، بىخەتەرلىك قائىدە-تۈزۈملىرى ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئاپتوبۇسلار ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى. سۈرەتتە: جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ئۆمەكنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرىنى باشلاپ، قاتناش بىخەتەرلىكى سۆھبىتى ئېلىپ باردى ھەمدە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىسام شىرىي بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئىسام شىرىي مەزكۇر شىركەتنىڭ شوپۇرلارنى باشقۇرۇش، ئاپتوبۇس ئىشلىتىش، بىخەتەرلىك قائىدە-تۈزۈملىرى ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئاپتوبۇسلار ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

ئىسام شىرىي: ”ھاجىلارنى مەنزىلگە بىخەتەر ۋە دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىركەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، بىز بۇ يىل جۇڭگو ھاجىلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز“ دېدى. سۈرەتتە: باش ئۆمەك مەسئۇللىرى ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش، مۇداپىئە كۆرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

(ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر