باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنى توشۇغۇچى تۇنجى ئايروپىلان مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە سالامەت يېتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-13   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ھاجىلارنى توشۇغۇچى تۇنجى ئايروپىلانى 284 نەپەر يۈننەنلىك ھاجىنى ئېلىپ، كۇنمىڭ چاڭشۈي ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا سالامەت يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەج سەپىرى باشلاندى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن لى گې، ھاجى بارات رەجەپ، مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا بېرىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يۈننەن ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دەي جۈنڧېڭمۇ بۇ ئايروپىلاندا كەلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، نىڭشيادىن ئۇچقان يەنە بىر ئايروپىلانمۇ مەدىنە ئايروپورتىغا بىخەتەر يېتىپ كەلدى. باش ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، نىڭشيا ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تيەن يۈڧۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 297 نەپەر ھاجى سالامەت يېتىپ كېلىپ، باش ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلارنىڭ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى مەدىنە شۆبىسىنىڭ مەدىنە ئايروپورتى ئىشخانا مۇدىرى ئەنساردى قاتارلىقلارنىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 14مىڭ 500 كىشى مەككەگە كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلىدۇ. 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ھاجىلار جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى، شەرق ئاۋىئاتسىيەسى، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 48 ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۇنمىڭ، يىنچۈەن، شىنىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن بىۋاسىتە مەدىنەگە ئۇچۇپ كېلىدۇ.

(ئەھمەد جيادۇڭ، نۇرىدىن ياڭ خۇييىڭ خەۋىرى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر