باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ھەج ئىشلىرى ئارقا سەپ مۇلازىمىتى شىركەتلىرى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كېڭەشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-13   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەدىنەگە ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ھاجى بارات رەجەپ، مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار مەدىنەدىكى مەنازىل ھاجىلار مېھمانسارىيى گۇرۇھىغا بېرىپ، شىركەت لىدېرى جىھاد ئابدۇراھمان نازىر بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ھاجىلىرىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتىۋېلىش-ئۇزىتىش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرۇلۇق كېڭەشتى. ئادىل ھاجى كېرىم ئۆتكەن يىل ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن، شىركەتنىڭ بۇ يىل ھاجىلارغا تېخىمۇ كۆيۈنۈپ مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز“. جىھاد نازىرمۇ ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، جۇڭگو ھاجىلىرىغا يەنىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتە، ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ھاجى بارات رەجەپ، مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىق ئۆمەك مەسئۇللىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىقلىم بىرلەشمە تاماق تارقىتىش شىركىتىگە بېرىپ، شىركەت باش دىرېكتورى غازى ئىيتانى بىلەن بۇ يىلقى جۇڭگو ھاجىلىرىنى تاماق بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. ئادىل ھاجى كېرىم ئالدى بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ھاجىلىرىنى تاماق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن تەكىتلەپ: ”شىركەتنىڭ مەزكۇر جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ھاۋا كىلىماتىنى ئويلىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىك سۈپىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىنى، تاماقنى جەزمەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز“ دېدى. غازى ئىيتانىمۇ شىركەتنىڭ بۇ يىل يېمەكلىكنى ئىسسىق ساقلاش ۋە بىخەتەر ساقلاشتا پۈتۈنلەي يېڭى ئۈسكۈنە قوللىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ھاجىلىرىنى ئېسىل، پاكىز يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار مەزكۇر شىركەتنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

 (ئەھمەد جيا دۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

يەنە >>سۈرەتلەر