باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاجىلارنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە كۈتىۋېلىش تەييارلىقى تاماملاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-13   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق 9 كىشى مەككەدىن مەدىنەگە سالامەت كېلىپ، مەدىنەدە ھاجىلارنى كۈتىۋېلىشقا ئائىت ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئادىل ھاجى كېرىم مەدىنەدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق بىناغا ئورۇنلىشىپلا، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە غەيرەت بىلەن ئىشلىشىنى، تەرەپلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ھاجىلارنى ئوبدان كۈتىۋېلىپ، بۇ يىلقى دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې، ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار مەدىنەدىكى ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە چىڭخەي، نىڭشيا ھەج ئۆمىكىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن خادىملىرى بىلەن خىزمەت ھالقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەشتى، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئۆلكىلەر مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

باش ئۆمەك مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھاجىلارنى ئايروپورتتا كۈتىۋېلىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە مەككەگە ئۇزىتىش، تاماق ۋە ئارقا سەپ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، پاسپورت ۋە بېلەتلەرنى رەتلەش، بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىلىرى ھاجىلارنى كۈتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھازىرلىقلارنى تاماملىغان بولۇپ، مەسئۇل خادىملار ھاجىلار ئورۇنلىشىدىغان 14 مېھمانساراينى نۆۋەت بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈپ، ۋەتەندىن كېلىدىغان قېرىنداشلىرىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرمەكتە.

(ئەھمەد جيادۇڭ، نافىئە خەي يۇڭلوڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر