باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-10   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى چېن يۆ، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەندەرقىرى، مۇئاۋىن رەئىسى سەئۇد دەمەنھۇرى ۋە ئۈچ دۆلەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەھمۇد دەمەنھۇرى قاتارلىقلار بىلەن بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە دائىر ئىشلار ئۈستىدە كېڭەشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم بۇ يىلقى جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەج تاۋاپ كۈنلىرىدە مىنا ۋە ئەرەپاتتا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، چېدىر ۋە ھاجەتخانىلارنى كۆپەيتىپ بېرىش، ھەج پائالىيەتلىرىدىن كېيىن مەككەگە قايتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاجىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى يېزىلغان بىلەك بېغىنى ياساپ بېرىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بەردى.

مۇھەممەد ئەندەرقىرى جۇڭگولۇق ھاجىلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى ئىشخانىسىنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى، ھاجىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى خادىملىرىنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

(ئابابەكرى ما ۋېيۋېي خەۋىرى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

يەنە >>سۈرەتلەر