باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى مەككە ئۆلكىلىك باش ساقچى ئىدارىسىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-10   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،  جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە ئۆلكىلىك باش ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، ئىدارە باشلىقى گېنرال مۇھەممەد زەپەر ئامىر بىلەن كۆرۈشتى.

لى گې مەككە باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا مۇقىم ئالاقە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد زەپەر ئامىرمۇ جۇڭگو ھاجىلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ھەج خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئورونلاپ، ھاجىلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. باش ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن  مۇسا چېن يۈلوڭ، لى گاڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

(ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

يەنە >>سۈرەتلەر