باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مەدىنە باسقۇچىدىكى ھەج خىزمىتى رەسمىي، ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ھاجى بارات رەجەپنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەدىنىگە سالامەت يېتىپ بېرىپ، ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچراشتى، شۇنداق قىلىپ بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى 34 خادىمنىڭ ھەممىسى مۇلازىمەت ئورنىغا تولۇق يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل خادىملار مەدىنە ھەج ئىشلىرى ئورگىنى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ئارقىدىن گۇرۇپپىدىكى بارلىق خادىملارغا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىلدى.

مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئايرودرومدا ھاجىلارنى كۈتىۋېلىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇزىتىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە داۋالاش، پاسپورت ۋە بېلەتلەرنى رەتلەش، تاماق ۋە ئارقا سەپ-تەمىنات قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بويىچە ئالتە گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز خىزمەت دائىرىسى بويىچە جىددىي ھەم تەرتىپلىك ھالدا ئىشقا كىرىشتى؛ 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە كېلىدىغان چىڭخەي، يۈننەن، نىڭشيا ھاجىلىرىنى ياخشى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن بارلىق گۇرۇپپا تولۇق تەييارلىق كۆرمەكتە.

(ئابابەكرى ما ۋېيۋېي خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

يەنە >>سۈرەتلەر