باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى مەسئۇللىرى دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسولخانىسىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-09   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىغا بېرىپ، مۇۋەققەت ۋاكالەتچى كونسول چېن يۆگە نۆۋەتتىكى ھەج خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەج خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلەشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، باش ئۆمەك ئالدىن ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئۆمەك ۋە نۇقتىلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن كېلىدىغان تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىغا ئېلېكترونلۇق قانال ئارقىلق ۋىزا بېجىرىش، مەدىنە ۋە مەككەدىكى ھاجىلار تۇرىدىغان مېھمانخانىلارنى تەكشۈرۈش، مەدىنە ۋە جىددە ئايرودرومىدا ھاجىلارنى كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزىتىش ئىشلىرىغا كېرەكلىك كېنىشكىلارنى بېجىرىش، ھاجىلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشتە تۆلەيدىغان ھەققىنى بىر تۇتاش يىغىش قاتارلىق خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ھازىر باش ئۆمەك مەدىنەگە خىزمەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ بولدى، ھاجىلارنى كۈتىۋېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايماقتا“. چېن يۆ مۇنداق دېدى: ”باش كونسولخانا جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ئۆمەكنىڭ ھاجىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.” 

يىغىنغا باش ئۆمەك مەسئۇللىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، مۇسا چېن يۈلوڭ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ جىددە كونسولخانىسىدا تۇرۇشلۇق كونسولى يۈ شاۋنەن قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

( ئەھمەد جيادۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر