باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سالامەت يېتىپ كەلدى،دۆلەت سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-08-06   

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەككەدىن بەرگەن خەۋىرى: 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې، ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدىكى 34 كىشىلىك خىزمەت ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سالامەت يېتىپ كېلىپ، بىر ھەپتە ئاۋۋال مۇقەددەس زېمىنگە كېلىپ خىزمەت باشلىغان 12 كىشىلىك گۇرۇپپا بىلەن ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، رەسمىي باشلاندى. خىزمەت ئۆمىكى يولغا چىقىش ئالدىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن پايتەخت ئايروپورتىغا چىقىپ ئۆمەكنى ئۇزىتىپ قويغانىدى؛ خىزمەت ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش كونسولى چېن يۆ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا  يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەندەرقىرى جىددە ئايروپورتىغا كېلىپ ئۆمەكنى كۈتۈۋالدى. 

شۇ كۈنى ئاخشىمى باش ئۆمەكنىڭ 1-قېتىملىق خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا ئۆمەك خادىملىرى «جۇڭگو ھەج خىزمىتى ئۆمىكى خادىملىرىنىڭ پاك-تەلەپچان بولۇش قائىدىسى»نى ئۆگەندى، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلوڭ ۋە تارماق خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىدىن بەرگەن دوكلاتى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىنى ئاڭلىدى. مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ نەق، ئەمەلىي خىزمەت پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشىنى، خىزمەت تەقسىماتى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئايرىشىنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا يەنە ئۆمەك خادىملىرىنىڭ رەھبەرلىككە، يېتەكچىلىككە بويسۇنۇشى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى تەلەپ قىلىندى. ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلار ئېغىر ئەھۋالدا جۇڭگو ھاجىلىرى ئۈچۈن ئېلېكترونلۇق قانال سىستېمىسى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:  ”ئۆمەك خادىملىرى ئەمەلىي خىزمەتتە ھاجىلار ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى نامايەن قىلىشى، نەتىجە يارىتىشى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، ئىچكى جەھەتتە ساپانى ئۆستۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە ئوبراز تىكلىشى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ھەر قايسى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئورۇنلىشى لازىم“.

يىغىن ئاخىرىدا، ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يىغىپ، ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ياتاق تەقسىملەش، كوللېكتىپ غىزالىنىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى باش ئۆمەكنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا. 

 (يۈسۈف جەۋاد ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر