باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيە، ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-07   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە،  رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتى ۋە ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيۇ ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن مەسلىھەتچى بولغان 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، خەلقئارا بۆلۈمنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ، خەلقئارا بۆلۈمنىڭ خىزمەتچىسى شەمسىددىن مىن چاڭلاردىن تەشكىللەندى.

رۇسىيەنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلياس ۋۇماخانوف بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئىلمى مۇھاكىمە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت مۇسابىقىسى، مۇسۇلمان ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە ئالاقە ئورنىتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. 2008-يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدى.

بۇ قېتىملىق ئۆزبېكىستانغا قىلىنغان زىيارەت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، مۇھىم تارىخى خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ئۆزبېكىستان مۇفتىسى ئوسمانخان ئالىموف ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان مۇفتىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇلارنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بۇ يىل 7-ئايدا شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو دىن مەدەنىيىتى ئالاقە جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان «ئىسلام دىنى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلدى ھەمدە تەكلىپنامىنى ئۇلارغا تاپشۇردى. قارشى تەرەپ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(شەمسىدىن مىن چاڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەدئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر