باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2016-يىللىق دۆلەت سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-27   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەندىن تەشكىللەنگەن چېگرا سىرتىدىكى ھەج مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ 2016-يىللىق ھەج پائالىيىتى كۈنلىرىدىكى تاماق بىلەن تەمىنلەش، يۈك-تاقلارنى توشۇش ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قانىلى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەزگىلدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى: مەككە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنى، ئىقلىمى تاماق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەج پائالىيىتى رايونىدا تاماق بىلەن تەمىنلەش توختىمى ۋە مەدىنىدە تاماق بىلەن تەمىنلەش توختىمى ئىمزالىدى؛ شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەندىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارمۇ مەككىدىكى ئۈچ تاماق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەككىدە تاماق بىلەن تەمىنلەش توختىمى ئىمزالىدى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قانىلى سىستېمىسىنىڭ كۇرسىغا قاتناشتى، بانكا كاپالىتى توختامى، تاماق بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قانىلىغا كىرگۈزدى ھەمدە قوزغاتتى؛ ئېلېكتىرونلۇق بىلەيزۈك ئىشى توغرىسىدا خۇاۋېي شىركىتىدىن مەسلىھەت سورىدى؛ ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىكى جىددە تارمىقىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن بۇ يىللىق ھەجگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ بۇ يىل رامىزان ئېيىدىكى ئۆمرە ھەج ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؛ يۈك-تاقلارنى توشۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەملىشىشى ئاستىدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، بۇ يىللىق دۆلەت سىرتىدا ھەجگە تەشكىللەش مۇلازىمەت خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

(ما يۈفېي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر