2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، مىسىر دىن ۋەقفە-فوند مىنىستىرلىكى ئىسلام ئىشلىرى ئالى كېڭىشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما گۇاڭيۆ ئاخۇنۇم بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ما يىخۇينى مىسىر ئاسۋان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئاسۋان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك ئىسلام ئىشلىرى ئالى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. بۇ قېتىملىق يىغىندا «ئۆزىنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنى تەشكىلاتلارنىڭ خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتىكى ئوينىغان رولىنى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىش» ئاساسلىق تېما قىلىندى.
مىسىر ۋەقفە-فوند مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ئىسلام ئىشلىرى ئالى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇختار جۈمە ئېچىلىش سۆزى قىلدى، مىسىر پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇد شېرىپ، مىسىرنىڭ باش مۇفتىسى دوكتور شەۋقى ئەللام، مىسىر پارلامېنتى دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى (ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى) دوكتور ئۇسامە ئابدۇ ۋە ئاسۋان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مەجىد ھىجازى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مىسىرلىق ئىسلام ئالىملىرىدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە ، سۇدان، تۇنىس، بىرۇنېي، پەلەستىن، مالدىۋې، پاكىستان، كونگو، ئۇگاندا، قازاقىستان، لىۋان، ئەزەربەيجان قاتارلىق 35 دۆلەتتىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق مۇپتى، مىنىستىر ۋە ئالىملار بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن مەزگىلىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىسلام دۇنياسى ھەرخىل خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى دىنى تەشكىلاتلار ئارىسىدا قانداق قىلىپ كۈچنى توپلاپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە ئورتاق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، 7 نەپەر چەتئەللىك ئالىملار ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى. ما گۇاڭيۆ ئاخۇنۇم يىغىندا «ئىسلام دىنىنىڭ قىياپىتىنى توغرىلاش، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش» تېمىسىدا ئەرەبچە سۆز قىلىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
(ما يىخۇي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)