باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2016-يىلى باھار پەسىللىك ئۆمرە ھەج ئۆمىكى ئىبادەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-10   

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۆمرە ھەج قىلغۇچىلار ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇشى بىلەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىللىگەن 2016-يىللىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى باھار پەسىللىك ئۆمرە ھەج ئۆمىكى ئىبادەتلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ساق-سالامەت ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق ئۆمرە ھەج ئۆمىكىدە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى ھەمدە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىن جەمئىي 297 نەپەر ئۆمرە ھەج قىلغۇچى بار بولۇپ، ئۇلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرەمدە 20 كۈن تۇرغان. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)لىق مىللەت دىن ئىشلىرى تارماقلىرى ھەمدە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بۇ قېتىملىق ئۆمرە ھەج ئۆمىكىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ ئۆمەككە قوشۇپ ئۆمرە ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن 7 نەپەر يېتەكچى خادىمدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ تەشكىلى مۇلازىمەت ۋە كاپالەت خىزمىتى ئىشلىدى. ئۆمرە ھەج ئۆمىكى مەدىنىدە 5 كۈن، مەككىدە 15 كۈن تۇردى، ھەممەيلەن پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە ھەرەم مەسچىتىگە يېقىن بولغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلار پۈتۈن مۇساپىدە 2016 تىپىدىكى ئالى دەرىجىلىك ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇردى. جۇڭگونىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە يېتەكچى خادىملارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، ئىنچىكە تەشكىللىشى بىلەن 2016-يىلى باھار پەسىللىك ئۆمرە ھەج ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆمرە ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

(شەمسىددىن گو ۋېي ۋېي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر