باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

2016-يىللىق ھۆددىگە ئالغان ھەج ئاپروپىلانى ۋە ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتى سۆھبەت گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-06   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان 2016-يىللىق ھۆددىگە ئالغان ھەج ئاپروپىلانى ۋە ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتى سۆھبەت گۇرۇپپىسى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ 2016-يىللىق ھۆددىگە ئالغان ھەج ئاپروپىلانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىش-كېلىشى ۋە ھاجىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى. ئۇنىڭدىن سىرت جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇبى ئاۋىياتسىيەسى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىبارەت ھاجىلارنى توشۇشنى ھۆددە ئالغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى دۆلىتىمىزنىڭ 2016-يىللىق ھۆددىگە ئالغان ھاجىلار ئايروپىلانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىش-كېلىش رەسمىيىتى، ئايروپىلان قونىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچۇش ۋاقتى، ھەج پائالىيىتى رايونىدا تاماق بىلەن تەمىنلەش، مەككە ۋە مەدىنەدىكى تۇرالغۇ ئۆي، ھاجىلارنى توشۇيدىغان شەھەر ئارا قاتناشنى ياخشىلاش، ھەج-تاۋاپ مەخسۇس تاشقى پېرېۋوت ھېسابات نومۇرى ۋە بانكا كېپىللىك رەسمىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىملىق خىزمەت-زىيارىتىدە، ھەج پائالىيىتى رايونىدا تاماق بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە قارشى تەرەپ بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ يۇقىرى باھا قويدى، بۇ جەھەتتە بىز داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت باشقا خىزمەتلەر كۆزلىگەن مەقسەتتىكىدەك ئورۇندىلىپ، 2016-يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتىگە ئاساس سېلىندى.

(بۇرھان چاڭ چىڭلياڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر