باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت مۇسابىقىسىگە ۋەكىل ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-28   

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بەش كىشىلىك ئۆمىكى جاكارتاغا بېرىپ، ھىندونېزىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە شاھزادە ئەمىر خالىد ئىبنى سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلسەئۇدى خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن “ 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى شاھزادە ئەمىر خالىد ئىبنى سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلسەئۇدى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ھەدىس شەرىف يادلاش مۇسابىقىسى”گە قاتناشتى. ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زوڭتوڭى كارا ۋە شاھزادە ئەمىر خالىد ئىبنى سۇلتان ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلسەئۇدى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوللىدى. مۇسابىقە جەريانىدا ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زوڭتوڭى كارا مەخسۇس كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قارشى ئالدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاھزادە ئەمىر خالىد يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن غاشىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت مۇسابىقىسىنىڭ باش باھالىغۇچىلىقىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. جۇڭگو، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، سىنگاپور، تايلاند، بىرۇنېي، ياپونىيە، كورېيە، فىلىپپىن، يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، بىرما، كامبودژا، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، شەرقىي تىمور، رۇسىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق 26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 پارە، 20 پارە، 15 پارە، 10 پارە قۇرئاننى قىرائەت قىلىش ۋە ھەدىس يادلاش گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت. جۇڭگونىڭ چىڭخەي، شىنجاڭ ۋە نىڭشيادىن كەلگەن 4 نەپەر ماھىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 پارە، 20 پارە، 15 پارە ۋە 10 پارە قۇرئان قىرائەت قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئاخىرىدا ھىندونېزىيەلىك ماھىر ئايرىم ھالدا 30 پارە، 15 پارە ۋە 10 پارە قۇرئان قىرائەت قىلىش ۋە ھەدىس يادلاش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مالايسىيالىق ماھىر 20 پارە قۇرئان قىرائەت قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

(ئابدۇلھېكىم ماجې خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر