باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىراننى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-28   

ئىمام ھۇمەينى پاناھلىق كومىتېتى (ئىمام ھۇمەينى فوند جەمئىيىتى)نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نىڭشيا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى بولغان، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى دەي جۇنفېڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىن خۇاڭ ۋېنجيەن، ۋاڭ دوڭ قاتارلىق ئۆمەك ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن 4 كىشىلىك ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئىراندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. زىيارەت داۋامىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىمام ھۇمەينى پاناھلىق كومىتېتى خەلقئارا ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھەقسار، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكا ئۇنىۋېرسال تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەمىر ئابباس فارىسى نىجادى، نامراتلارنى يۆلەش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زەرىف جادى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئىمام ھۇمەينى پاناھلىق كومىتېتىنىڭ تېھران شەھىرىگە تەسىس قىلغان ئىجتىمائىي پاناھلىق مۇلازىمەت مەركىزىنى نەق مەيداندىن تەكشۈردى، پاناھلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى بىلەن تونۇشنى، سائەت قۇراشتۇرۇش دۇكىنى، بوۋاقلار لازىمەتلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئويۇنچۇق ئىشلەش زاۋۇتى، ئاياللار كىيىملىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنى ياساش زاۋۇتى، فارفۇر بۇيۇملار رەڭدار نەقىشلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىق پاناھلىق مۇلازىمەت مەركىزى تاماملىغان بىر قانچە پاناھلىق تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئىران دىنى داھىيسى ھەج ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى سەييىد ئەلى غازى ئەسقەرى ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتى، تېھران ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىنى زىيارەت قىلدى ۋە تېھران ئۆلكىلىك پاناھلىق جەمئىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ خەيرى-ساخاۋەت خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

)قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ(

يەنە >>سۈرەتلەر