باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رۇسىيە ” موسكۋا ئىسلام مەدەنىيىتى بايرىمى“ غا قاتنىشىشقا ۋەكىل ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-11   

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، رۇسىيە مۇپتى ھەيئىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەبۇبەكرى ما ۋېيۋېينى جۇڭگودىكى ئەرەبچە ياش خەتتاتلارغا ۋاكالىتەن رۇسىيەگە بېرىپ، ” موسكۋا ئىسلام مەدەنىيىتى بايرىمى“ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن رۇسىيە مۇپتى ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەمكارلىق ئەسلەتنامىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، پائالىيەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.

3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەدەنىيەت بايرىمى موسكۋا جامەسىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى، رۇسىيە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇسۇلمانلاردىن تەخمىنەن 1000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت بايرىمى قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى، رۇسىيە ئىسلام سەنئىتى بۇيۇملىرى ۋە ئىسلام سەنئەتكارلىرى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئەبۇبەكرى ما ۋېيۋېي جۇڭگو كۆرگەزمىسى ئورنىدا ئۆزىنىڭ نەپىس خەتتاتلىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى ھەمدە نەق مەيداندا زىيارەتچىلەرگە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەرەبچە ھۆسنخەتلەرنى يېزىپ كۆرسەتتى، 200 گە يېقىن زىيارەتچىگە ھۆسنخەتلىك ئىمزا  قويۇپ بەردى. پائالىيەت ئورنىدا ئەرەبچە ھۆسنخەت بىلەن خەنزۇچە ھۆسنخەت بىر-بىرىگە ھۆسن قوشتى، بۇنىڭغا يەنە تامغىلىق ھۆسنخەت قوشۇلۇپ، تېخىمۇ كۆركەم سەنئەت ھاسىل قىلدى. جۇڭگو كۆرگەزمە ئورنى زىيارەتچىلەر ئەڭ كۆپ توپلانغان، ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئورۇن بولدى. رۇسىيە مۇپتى ھەيئىتى مەسئۇلى بىلەن موسكۋا شەھەر مۇفتىسى شەيخ ئىلدار بۇ ئورۇننى ئالاھىدە زىيارەت قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. پائالىيەت جەريانىدا، رۇسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگو كۆرگەزمە ئورنىدىكى پائالىيەتنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.

 (ئابدۇلھېكىم ماجې خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر