باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن تەكلىپكە بىنائەن 12-نۆۋەتلىك دوھا دىنلار ئارا دىيالوگ يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-25   

12-نۆۋەتلىك دوھا خەلقئارا دىنلار ئارا دىيالوگ يىغىنى ۋە 3-نۆۋەتلىك ،”2016-يىللىق دوھا دىنلار ئارا دىيالوگ خەلقئارا مۇكاپاتى“ يىغىنى 2016-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتار پايتەختى دوھادا ئېچىلدى. ”دىنىي ئەقىدىلەر نۇقتىسىدىن مەنىۋىيەت ۋە مەدەنىيەت ئامانلىقىغا نەزەر“ دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى دوھا خەلقئارا دىنلار ئارا دىيالوگ مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 70 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ئالىملىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنىي ئورگانلاردىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇڭيۈەن ئاخۇن، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدەررىسى لوقمان مۇ ۋېيبىن تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە رەئىس چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن دوھا دىنلار ئارا دىيالوگ مەركىزىنىڭ رەئىسى، دىنىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن كونا-يېڭى دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاندىن يىغىن مەركىزىگە دىنىي ئەسەرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشقا ئويۇلغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەشۋىقات ئالبومىنى سوۋغا قىلدى. يىغىن مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم نەيىم كىتاب ۋە بۇ ئالبومغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئۇنى دوھا ئىسلام مۇزېيىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

(لوقمان مۇ ۋېيبىن خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر