ماراكەش ئىسلام ئىشلىرى ۋە دىنىي فوند مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئەھمەد تەۋفىقنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق ئىككى كىشى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ماراكەش شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئاز سانلىق خەلقنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى دىنىي ھوقۇقى: شەرىئەت ئەندىزىسى ئىچىدىكى ئاكتىپ تەشەببۇس“ خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىننى ماراكەش ئىسلام ئىشلىرى ۋە دىنىي فوند مىنىستىرلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تىنچلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرى (باش شىتابى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە) بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى خەلىپە بىن زەيىد ئەل ناھيان، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون قاتارلىقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىغىنغا 120 دۆلەتتىن كەلگەن خەلقئارالىق، رايونلۇق ۋە دۆلەت خاراكتېرلىك ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دىنىي داھىيلار ۋە ئالىملاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەدⅥ بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىموننىڭ تەبرىكنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىدا «ئىسلام دۇنياسىدا ئاز سانلىق خەلقنىڭ دىنىي ھوقۇقى‐ ماراكەش خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.
يىغىن مەزگىلىدە مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم ماراكەش ئىسلام ئىشلىرى ۋە دىنىي فوند مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئەھمەد تەۋفىق، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تىنچلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شەيخ ئابدۇللا بىن بەييە بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرغان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى، دىندا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. سۆھبەتتە ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئىككى شەيخنى تەكلىپ قىلىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزئارا زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مەزكۇر ئىككى تەشكىلاتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش، ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئىناق ئۆتۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن مەزگىلىدە مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم يەنە دۇبەي مېديا گۇرۇھى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە «ماراكەشنىڭ ئەتىسى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خەلقئارا ۋە رايونلار ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىنى بايان قىلدى.
ئادىل ھاجى كېرىم يەنە دۇنيا دىنلىرى تىنچلىق كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان چۈشلۈك زىياپەتكە داخىل بولدى ھەمدە بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى، ھەر قايسى دىنلار تىنچلىق كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، دىنلار ئارا دىيالوگ ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا: ئۆزئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتنى ئازايتىپ ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىندۇر، دەپ قارىدى.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى «ئىسلام دۇنياسىدا ئاز سانلىق خەلقنىڭ دىنىي ھوقۇقى‐ ماراكەش خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى. خىتابنامىدە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: كىم مەيلى قانداق دىنغا ئىشەنسۇن باراۋەر ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتتى ۋە ئۇلارغا ئۆز يولىنى تاللاش ھوقۇقى بەردى. ئىنسانلار گەرچە ئېتىقاد جەھەتتە ئوخشىمىسىمۇ، ئادىمىيلىك جەھەتتە ئوخشاشتۇر، ئورتاق مەنبەدىن كەلگەندۇر، ھەممىسى قېرىنداشتۇر. «خىتابنامە »دە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئاللاھ تائالا بىزنى بارلىق ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىسلام شەرىئىتى خەلقئارا قانۇننىڭ ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسلىرىنى قوللايدۇ. رادىكال (ئەسەبىي، ئاشقۇن) كۈچلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا تۈپتىن خىلاپتۇر. رادىكال كۈچلەر ئۆز جىنايىتى ئۈچۈن دىننى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈردى. ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىق خەلقنى قورقۇتۇپ، ئۆلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادا كەمسىتىلىشكە، بىر تەرەپلىمە قارىلىشىغا، ھەتتا نەپرەتلىنىشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەزكۇر يىغىن ئۆلىمالارنى ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. «خىتابنامە » ئىسلام دىنىدىكى پۇقرا ئاتالغۇسىنىڭ ئاز سانلىق خەلقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىنىي دەرسلىكلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە تەڭشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆلىمالارغا خىتاب قىلدى؛ سىياسەتچىلەرنىڭ زۆرۈر سىياسىي ۋە قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي كېلىشىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پىرىنسىپىنى مۇستەھكەملەشكە چاقىرىق قىلدى: ئىلىم ساھەسى مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىق خەلق بىلەن ئۆزئارا كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ياخشىلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مەيدانى ھازىرلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئازادە مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دىنىي مەزھەپلەر ئىناق ئۆتۈش ئارزۇسىنى يېڭىباشتىن كۈچەيتىشى، توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك؛ ھەر قايسى دىنىي داھىيلار دىنغا ھاقارەت قىلىش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنىي تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ ئۆچمەنلىك ۋە مەزھەپچىلىككە كۈشكۈرتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. «خىتابنامە » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى «مەدىنە ئاساسىي قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلىرىدىن پايدىلاندى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چۈنكى بۇ پىرىنسىپ دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، رەھىمدىللىك، ئادالەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان، كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر پىرىنسىپتۇر . بۇ ئاساس ۋە پىرىنسىپلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تىنچلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرىنىڭ رەئىسى، مۇنبەر ئىلمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى شەيخ ئابدۇللا بىن بەييە مۇنداق دېدى: ”ئىسلام دىنىدىكى ’جىھاد‘ ئۇقۇمى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان پىكىر-تەشەببۇس بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئەمما ئەسەبىي كۈچلەر ’جىھاد‘ ئۇقۇمىنى قارىغۇلارچە قوللىنىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق قىلىپ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگۈچىلەرنى ’مۇجاھىد‘ دەۋالدى“. ئۇنىڭ قارىشىچە، ”جىھاد“ دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان بىر خىل ھەرىكەتتۇر، بۇنىڭ ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشمۇ بار. ”جىھاد“ ئۇقۇمىدا ئىنسان ئامىلى بىرىنچى بولۇپ، ئالاھىدە ئۆلچەم ۋە قائىدە تەلەپ قىلىدۇ.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار”جىھاد“ مەسىلىسىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى، نۆۋەتتە ئاتالمىش ”ئىسلام دۆلىتى“ بۇ ئۇقۇمنى بۇرمىلاپ، ئۆز جىنايەتلىرىگە دەلىل ئىزدىمەكتە. ”بىزنىڭ جىھادىمىز خەلىپىلىك قۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشتىن ئىبارەت“ دەپ داۋراڭ سالماقتا. ئايەت، ھەدىسلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
شەيخ ئابدۇللا بىن بەييە يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ”بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىن ھاياتلىق، تىنچلىق، دوستلۇققا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان يىغىن بولدى، بىز قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن قىممەت قارىشى، غايە ھەققىدە ئىلھام ئالدۇق، ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ھەرىكەتلەندۇق. ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇق شۇئارلا ئەمەس؛ بىر ئادەم مەيلى قەيەردە بولسۇن، نېمە ئىش قىلسۇن، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر مۇئامىلىسى ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ“. شەيخنىڭ قارىشىچە، دىن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”ئەگەر ئەسەبىيلىك، ھەقىقەتنى توغرا چۈشەنمەسلىك، زامان ۋە ماكاننىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان چۈشەنچىلەر ئازغۇنلۇقنىڭ مەنبەسى دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئادالەتسىزلىكمۇ ئازغۇنلۇقنىڭ مەنبەسىدۇر“
(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)