باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەج خىزمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج خىزمىتى توغرىلىق سۆھبەتلەشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ما جىن مەسلىھەتچى بولغان، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چاڭ چىڭلىياڭ قاتارلىق 5 خادىمدىن تەركىب تاپقان خىزمەت ئۆمىكى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىكى بىلەن 2016-يىللىق ھەج ئىشلىرى خىزمىتى توغرىلىق سۆھبەتلەشتى. دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.  ئىككى تەرەپ 2016-يىللىق ھەج ئىشلىرى سۆھبىتى خاتىرىسىنى ئىمزالىدى. خىزمەت ئۆمىكى يەنە مەككە، مەدىنە ھەج يېتەكچىلىك ئورگىنى، ئاپتوموبىل باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىرلەشمە ۋاكالەت ئىشخانىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا نەقلىياتى بۆلۈمىنى زىيارەت قىلىپ، دۆلىتىمىزدىن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭ مەدىنەدىن كىرىش ۋە جىددەدىن ئايرىلىش رەسمىيەتلىرى توغرىلىق بىرلىككە كەلدى؛ مەككەدىكى مەنسى شىركىتى ۋە مەدىنەدىكى مەنازىل شىركىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، باھانى قايتىدىن بېكىتتى ھەمدە دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ مەككە، مەدىنەدىكى تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى؛ دەلھە تىرانسپورت شىركىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ شەھەرلەر ئارا قاتناش مەسىلىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلدى؛ ئىغرىم شىركىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنى مەدىنەدىكى مەزگىلىدە تاماق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى كېلىشىم تۈزدى؛ ئۆمرە ھەج شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆمرە ھەج ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

خىزمەت ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ھەج مۇلازىمىتى ئورگانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ھاجىلىرىمىزغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ھەج پائالىيىتى ئورۇنلىرىدىكى ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، ھاجىلار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، قاتناش قوراللىرىنى يېتەرلىك تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بۇ تەلەپلەرگە ئاكتىپ جاۋاب بەردى.

 (شەمسىدىن مىن چاڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر