باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى 29-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-06   
29-نۆۋەتلىك ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئىران پايتەختى تېھراندىكى دۆلەت چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 300گە يېقىن ۋەكىل ۋە ئىراندىكى 500دىن ئارتۇق دىنىي زات بۇ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مۇساپا ياڭ جىبو ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ما شىپىڭ، خەلقئارا بۆلۈم كاتىپى ما يىخۇي ئۆمەك ئەزاسى بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس» بولۇپ، ئىران ئىسلام مەزھەپلىرى ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا يىغىنىنىڭ باش كاتىپى ئاياتۇللاھ شەيخ مۇھسىن ئەراكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانىي ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. رۇھانىي مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيادا تېررورلۇقنى ئىسلام دىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەيدىغان قاراش مەۋجۇت، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى، ئەكسىچە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ، ئىسلام دىنىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا، مەزھەپ ئايرىماي، ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ يۈزىگە سۇۋالغان قارا داغنى تازىلاشقا، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا چاقىرىق قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، چوڭ يىغىن ۋە يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەنگەندىن باشقا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، باش تېمىغا ئالاقىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس، مەزھەپچىلىكنى تۈگىتىش، پەرقنى ساقلاپ قېلىپ، ئورتاقلىقلاردا بىرلىككە كېلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش تېمىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇستاپا ياڭ جىبو، ما شىپىڭ، ما يىخۇيلار «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق قارىشى»، «پىتنىلەرنى يوقىتىپ، ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغدايلى»، «ئوتتۇرھال يول تۇتۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل ئۆلچىمى» دېگەن تېمىلاردا پىكىر بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ماقالە تېكىستى تارقىتىپ بېرىلدى.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى بۈيۈك ئاياتۇللاھ ئىمام خامەنەئىي يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنى ئىلگىرىكى ئۆچ-ئاداۋەتكە ئېسىلىۋالماي، ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىران ئىسلام مەزھەپلىرى ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا يىغىنىنىڭ باش كاتىپى ئاياتۇللاھ شەيخ مۇھسىن ئەراكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىننىڭ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يىغىن يېپىلدى.
12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن ئىراننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن قۇمغا بېرىپ، مۇستاپا ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگودىن بارغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مۇستاپا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
يىغىن مەزگىلىدە ئىران ھەج ۋە خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ ۋەكىلى غازى ئەسقەرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇئاۋىن رەئىس مۇستاپا ياڭ جىبو بىلەن جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ ھەج ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
(ئىلياس ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر