باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-11   
مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە مۇپتىلار ھەيئىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە قىرغىزىستاندا تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. بۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تۇنجى قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زىيارەت كۈنلىرىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى شىمالىي ئەللەر باشقارمىسى باشلىقى جاقىبوف قىلىچ،  زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قوشۇمچە جۇمھۇرىيەت مۇپتىسى مەقسەتبېك توختىمۇش، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مىللەتلەر-دىن سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىرغىيشوف زايىربېك، قىرغىزىستان دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى مالدايېف ئورازبېك قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇچرىشىشى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ”بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى“ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ مەدەنىي ئۇچرىشىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ياخشى ئارزۇ-تىلەكلىرىنى، كەلگۈسى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قىرغىزىستان قوشنا دۆلەت، ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزئارا راۋان بولۇشىنى قوللايمىز، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى ئەل خەلقىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ سائادىتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.
ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستاننىڭ ئۇش شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا شەھەرلىك ئىسلام دىنى ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە قازىسى ئۇبەيدۇللانىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.
زىيارەت داۋامىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىشكەك، ئۇش شەھەرلىرىدىكى ئىسلام دىنى مەكتەپلىرى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بالاساغون شەھىرىنىڭ خارابىلىرى، ھەنەفىي فىقھىسىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى سەرەخسىنىڭ مەقبەرىسى ھەمدە بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلدى، شۇنداقلا يەرلىك جامەنىڭ ئىمامى ئۆمەر، مەھەللە ئاقساقىلى ۋە يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە گەنسۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئون تاۋاق تاماققا ئېغىز تەگدى.
مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم مۇپتى قاتارلىقلارنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

(نافىئى خەي يۈڭلوڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر