باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ”دىيالوگ ۋە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش“ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-30   
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو تەكلىپكە بىنائەن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتى بىلەن شياڭگاڭ ئىسلام فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە شياڭگاڭ جيۇلوڭ جيەنشازۈي خولىدەيىن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ”دىيالوگ ۋە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش“ تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو، جۇڭگو تەيبېي، سىنگاپور، برۇناي، پاكىستان، تايلاند، سىرىلانكا، ھىندىستان، ياپونىيە، كورېيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار ۋە مېھمانلار بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر يىغىن: 1. دىن ۋە مەدەنىيەتلەر دىيالوگى؛ 2. مەدەنىيەتنىڭ شياڭگاڭدىكى كۆپ خىللىقى؛ 3. كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتى؛ 4. دىن، مەدەنىيەت ۋە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى مۇھاكىمە تېمىسى قىلدى. ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئالىم ۋە مېھمانلار ئۆز دۆلىتىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو يىغىنغا «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىرتقى مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشى بولسا دۇنيا مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىنىڭ بىر قىسمىدۇر» دېگەن تېمىدا ماقالە تاپشۇردى. دۇنيا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇھەممەد ئەلتۇركى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ”بۈگۈنكى دۇنيادا مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئارىلىشىشى دىققەتكە سازاۋەر بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. دىنىي مەدەنىيەت دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. تەرەققىيات داۋامىدا دىنلار  بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۇنيانى بىر ئىلاھنىڭ ياراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ ئورتاق نۇقتىمىز. ھەرقايسى دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىغا كەلسەك، دىنلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ھەربىر دىن ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشى كېرەك. بىز دۇنيانى ئىلاھ ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى نەزەرىيەنى ئورتاق تايانچ نۇقتىسى قىلىپ، باشقا دىنلارنىڭ ئەۋزەل تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، كەمچىلىكىمىزنى تولۇقلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭلىق بىلەن، دىنلار ئۆز ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش بولمايدۇ. رادىكاللىق، تېررورلۇق ھەققىدە گەپ بولغاندا دوكتور مۇھەممەد ئەلتۇركى مۇنداق دېدى: ”تېررورلۇققا ھەممە دىن ئورتاق قارشى تۇرىدۇ، بىز بۇ قىلمىش بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز. ئىسلام دىنى دەستۇرلىرىدا تېررورلۇقنى قوللايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق، بىر قىسىم يامان غەرەزلىك ئۇنسۇرلار ئايەتلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ھەدىسلەرنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى قارىلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. تارىختا خىرىستىيانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنى بىز ئەزەلدىن دىنىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرمىدۇق، ھەمدە دىننىڭ ئۇ ئۇرۇشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە رولىنى تەكىتلىمىدۇق. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، بۇ ئەلچىلەرنىڭ تەبلىغ قىلىش جەريانىمۇ بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. كېيىنكى ئەلچى ئالدىنقى ئەلچىنىڭ تەبلىغىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغاندۇر. بىز ئىسلام دىنى ئالىملىرىنىڭ باشقا دىنلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى، تەتقىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، باشقا دىنلاردىكى ئىدىيەنى ئىنكار قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز“. دوكتور مۇھەممەد ئەلتۇركىنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ئالىملارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى.
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن باياناتى ئېلان قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىندى ھەمدە تىنچلىقتا بىللە ياشاشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي قىممەت قارىشىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەشكە چاقىرىق قىلىندى.
يىغىن مەزگىلىدە مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇھەممەد ئەلتۇركى، شياڭگاڭ ئىسلام دىنى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كامال زامان مىھاس ئەپەندى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۈي جىنخۇي ئەپەندى، تەيۋەن ئىسلام ئالىمى جاۋ شىلىن ئەپەندى ۋە شياڭگاڭدىكى ھەرقايسى ئىسلام جەمئىيەتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇننىڭ قىزغىن سالامى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. (ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر