باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ”11-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئەللىرى مۇسۇلمانلىرى دىنىي داھىيلار يىغىنى“غا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-23   
تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد گۆرمەزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن باشچىلىقىدىكى ئالتە كىشىلىك ئۆمەك 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ”11-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئەللىرى مۇسۇلمانلىرى دىنىي داھىيلار يىغىنى“غا قاتناشتى. 37 دۆلەتتىن كەلگەن 125 نەپەر دىنىي ئىشلار مىنىستىرى، مۇسۇلمانلار داھىيسى، ئىسلام تەتقىقاتچىلىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق يىغىننى تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ”ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئەللىرى مۇسۇلمانلىرىنى تونۇش، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش، دىنىي مائارىپ ھەمدە مۇلازىمەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق يولىنى ئىزدەش“ تېمىسى ئاساس قىلىندى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قۇرتۇلمۇش ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەمدە مۇھاكىمە يىغىنىدا ”ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودىكى مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرى“ تېمىسىدا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن بىلەن بىرگە بۇ يىغىنغا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، شاڭخەي شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا جىن خۇڭۋېي، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇللا جىن رۇبىن قاتارلىقلار قاتناشتى. (شەمسىددىن مىن چاڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 
يەنە >>سۈرەتلەر