باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەكلىپكە بىنائەن جېڭ خې مەسچىتى سېلىنغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋەكىل ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-22   
ھىندۇنېزىيە ھاجى مۇھەممەد جېڭ خې فوند جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ مىنيۈەن ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ھىندونېزىيە سۇرابايا جېڭخې مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جېڭ خې مەسچىتى سېلىنغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار يەنە ھىندونېزىيە جاۋا تىمۇر مۇسۇلمان ئالىملار كېڭىشى، مۇھەممەدىيە (مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى) جاۋا تىمۇر شۆبىسى، ئىسلام بىرلەشمە جەمئىيىتى جاۋا تىمۇر شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈم مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭمۇ بۇ زىيارەتكە قاتناشتى. (مۇسا چېن يۈلوڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر