باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىمىز ۋەتەنگە قايتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-20   
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچە سائەت 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرىمىز ئولتۇرغان جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى CA9574 ئايروپىلانى جىددە ئايروپورتىدىن جۇڭگوغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىن كەلگەن 14 مىڭ 500 ھاجىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش سەپىرى تاماملاندى. ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈم ھاجىلار 284 كىشى بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ، شەنشى قاتارلىق 15 ئۆلكە(شەھەر)دىن كەلگەن. 14-چېسلا كەچ سائەت 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاخىرقى تۈركۈمدىكى نىڭشيالىق ھاجىلارنى توشۇيدىغان ئىككى ئايروپىلان ۋەتەنگە قايتقانىدى. جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى يۈسۈف ما جىن، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئىمادىدىن ۋېن جيەن، باش كاتىپ سەيپىدىن بەي ليەنخې قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى ئۇزاتتى.
2015-يىل ھەرەم مەسچىتىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىگەن، ئوتتۇرا شەرق ئارىلاشما نەپەس يولى كېسەللىكى داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان، بولۇپمۇ ھەرەم مەسچىتىدە كىراننىڭ ئۆرۈلۈشى ۋە مىنادىكى دەسسىلىش ۋەقەسى قاتارلىق پاجىئەلەر يۈز بەرگەن، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئەڭ ئىسسىق بولغان مۇشۇنداق قىيىن ۋەزىيەتتە ھەج خىزمىتى ئۆمىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلدى، ھاجىلارنىڭ تىنچ، بىخەتەر ھەج قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئېغىر بولدى.
جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەزگىلىدە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەشكىللىك باشقۇرۇش، دىنىي يېتەكچىلىك، بىخەتەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى، ئىككى قېتىملىق ئېغىر پاجىئە يۈز بەرگەندە ئاكتىپ تەدبىر قوللاندى ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى، تەشكىللىك چىققان ھاجىلىرىمىزدىن بىرسىمۇ قازاغا يولۇقمىدى. ئۆمىكىمىز مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ”ھەج خىزمىتىنى يىلدىن-يىلغا ياخشى ئېلىپ بېرىش“ دېگەن كۆرسەتمىسى ۋە تەلىپىنى ئورۇنلاپ، ”تىنچ ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىيەتلىك ھەج قىلىش“ ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاجىلىرىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. (رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر