باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

مىنادىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار، يارىلانغانلارنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-07   
«سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، 30-كۈنىدىكى خەۋىرى: مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى مىنادىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار سانىنى ئېلان قىلدى ھەمدە قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىتىنى پائال تەكشۈرۈپ بېكىتتى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتۈردى، يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتۇلدۇردى. بىر قىسىم دۆلەتلەردىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى: ئالجىرىيەدىن 8 ئادەم، بېنگالدىن 1 ئادەم، بۇرۇندىدىن 1 ئادەم، بۇركىنا فاسودىن 1 ئادەم، كامېروندىن 20 ئادەم، چادتىن 11 ئادەم، مىسىردىن 74 ئادەم، ئىراندىن 239 ئادەم، ھىندىستاندىن 46 ئادەم، ھىندونېزىيەدىن 41 ئادەم، كوتې دى ئىۋوئىر(پىل چىشى قىرغىقى)دىن 14 ئادەم، كېنىيەدىن 3 ئادەم، لىۋىيەدىن 4 ئادەم، مەراكەشتىن 87 ئادەم، نىگېردىن 22 ئادەم، نىگېرىيەدىن 54 ئادەم، گوللاندىيەدىن 1 ئادەم، پاكىستاندىن 40 ئادەم، سېنېگالدىن 5 ئادەم، سومالىدىن 8 ئادەم، تانزانىيەدىن 4 ئادەم، تۇنىستىن 1 ئادەم، سۇداندىن 17 ئادەم.
ھىندونېزىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ دۆلەت ھاجىلىرىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 41 ئادەمگە يەتتى، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە ئېشىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە 10 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋلىنىۋاتىدۇ، يەنىلا 82 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، دېدى. پاكىستان دىن ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن 217 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، نۆۋەتتە يەنىلا 85 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، 35 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. مىسىر دىن ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، يەنە 120 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، 26 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ھىندىستاننىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يارىلدارلارنىڭ 50 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى. ئەڭ كۆپ قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار ئىراندىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئىران دۆلەتلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاجىلاردىن 300 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، ۋەقەدە 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭىلىغان دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار، يارىلانغانلارنىڭ سانى: قازا قىلغانلار 769 ئادەم، يارىلانغانلار 934 ئادەم.
(ما جىن، شەمشىنۇر ھوشۇر تەرجىمىسى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر