باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پايتەختتىدىكى موسكۋا جامەسىنىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-30   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو قاتارلىق ئىككى كىشى رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ غەينۇددىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موسكۋا جامەسىنىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
زۇڭتۇڭ پۇتىن موسكۋا جامەسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ۋە تەبرىك سۆزى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: موسكۋا جامەسى يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشى موسكۋا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ پەيت ھېسابلىنىدۇ، رۇسىيە كۆپ دىنلىق دۆلەت، ئىسلام دىنى دۆلىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ بىرى، مەزكۇر مەسچىت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان مەنبە بولغۇسى.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ غەينۇددىن بىلەن كۆرۈشتى، رەئىس شەيخ غەينۇددىن توققۇز يىل بۇرۇنقى تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئەسلىمىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسكە ئېلىپ ئۆتتى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ بۇ يىل 10-ئايلاردا زىيارەت ئۆمىكى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئالاقىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
موسكۋا جامەسى موسكۋا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 19 مىڭ كىۋادرات مېتىر، بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ نامازخاننى سىغدۇرالايدۇ، موسكۋا جامەسى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
(ما ۋېيۋېي، قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر