باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈم ھاجىلىرى دۆلەتكە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-29   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدىن كەلگەن ما جىن ۋە ئۇنىڭ 287 نەپەر يۇرتداشلىرى شەرەپ تۇيغۇسى ۋە مۇقەددەس جايغا بولغان قىيماسلىق ھېسسىياتى بىلەن مەككە شەھىرىدىن جىددە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى، ئۇلار جىددە ھاجىلار ئايروپوتىدا شۇ كۈنى كەچتە ئۇچىدىغان دۆلىتىمىز جۇڭگو شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU7962 مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىز ھاجىلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلىتىمىزگە قايتقان ھاجىلار بولۇپ، ئەتە تەخمىنەن سائەت 11لەردە كۈنمىڭ چاڭشۈي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.
بۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاجىلىرى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھاجىلىرىمۇ جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مەسلىھەتچى ما جىن قاتارلىقلار جىددە ھاجىلار ئايروپورتىغا بېرىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلىتىمىزگە قايتىدىغان ھاجىلارنى ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەج پەرزلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ ساق-سالامەت دۆلىتىمىزگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا، مەدەنىيەتلىك سۆز-ھەرىكىتى، ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ھاجىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ھاجىلار دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ھەج خىزمەت ئۆمىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماستىن مۇنەۋۋەر ھاجىلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قېتىملىق ھەج ئايروپىلانى كەچ سائەت 10 دا جىددە خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچىدىكەن.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر