باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدىن بارغان ھاجىلار پەرز ھەج ئىبادىتىنى تىنچ-ئامان ئورۇنلاپ بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-28   
سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىن بارغان ھاجىلار مىنادىكى چېدىردىن ئارقا-ئارقىدىن مەككەدىكى تۇرالغۇ جايىغا قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزدىن بارغان ھاجىلار بەش كۈن داۋاملاشقان پەرز ھەج ئىبادىتىنى تىنچ-ئامان ئورۇنلاپ بولدى.
پەرز ھەج مەزگىلىدە، ھەج ئۆمىكىمىز ھاجىلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كېسەللەرنى داۋالاش، ئارقا سەپ ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھاجىلارغا ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بەلگىلىگەن ۋاقىت ۋە لىنىيە بويىچە تەرتىپلىك ھالدا ھەج تاۋاپ ئىبادىتىنى ئادا قىلدى. بولۇپمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى چېڭۋېن، جىددەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئەنۋەر ھەبىبۇللانىڭ نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىشى ئاستىدا، ھەج ئىشلىرى باش ئۆمىكى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر دەسسىلىش ۋەقەسى ۋە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا كىلىماتى كەلتۈرگەن تەسىرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بارلىق ھاجىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك 5 قېتىملىق يۆتكىلىشىنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتتى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىن بارغان ھاجىلار مەككەدىكى تۇرالغۇ جايىدا ئارام ئېلىۋاتىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ كەينى-كەينىدىن ۋەتەنگە قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. (رامىزان مىن جۈنچىڭ، شەمشىنۇر ھوشۇر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر